UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرشېتلاند تاقىم ئاراللىرى

شېتلاند تاقىم ئاراللىرى

دۇنيادىكى شەھەرلەر برىتانىيە تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئەڭ شىمالىغا جايلاشقان. جەنۇبتىكى شوتلاندىيە بىلەن بولغان ئارىلىقى 209 كىلومېتىر كېلىدۇ. 100 دىن ئوشۇق تاشلىق ئارالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ 5/4 قىسمىدا ئاھالە ئولتۇراقلاشمىغان. ئاساسەن ئوست، مەينىلاند، فۇلا، يېل ئاراللىرىدىن ئىبارەت. مەيدانى 1429.8 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى 19 مىڭدىن ئاشىدۇ. مەركىزىي لېريۇك. ئىقتىسادتا بېلىقچىلىق، چارۋىچىلىق (كالا، قوي، ئات بېقىش) مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا قوي يۇڭ توقۇلمىلىرى، يىڭنە توقۇلما سانائىتىمۇ بار. ئارال ئەتراپىدىكى برېنت نىنئان قاتارلىق شىمالىي دېڭىز نېفىتلىكىلىرى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئىككى جۈپ دېڭىز ئاستى نېفىت تۇرۇبىسى شېتلاند تاقىم ئاراللىرىغا تۇتاشتۇرۇلدى. مەينىلاند ئارىلىدىكى سىلوندا 1978 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ شىمالى قىسمىدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت پورتى ھم نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبىسىنىڭ ئاخىرقى پونكىتى قۇرۇلدى.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
شېتلاند تاقىم ئاراللىرى | UyghurWiki | UyghurWiki