بۇريات ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
سوۋېت ئىتتىپاقى رۇس فېدېراتسىيىسىنىڭ بىر مەمۇرىي رايونى بولۇپ، شەرقىي سىبىرىيىنىڭ جەنۇبى، بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبى ھەم شەرقىگە جايلاشقان. مەيدانى 351 مىڭ 500 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، ئاھالىسى بىر مىليوندىن ئاشىدۇ (1985)، بۇنىڭ %17 تى بۇرياتلار، قالغىنىنى ئوكرائىن، تاتار قاتارلىق مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ. بۇريات ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆپ قىسمىنى دېڭىز يۈزىدىن 1000 مېتر ئېگىز بولغان تاغلىقلار تەشكىل قىلىدۇ. تاغ ئارىلىرىدا كەڭ تاغ ۋادىلىرى بار. شەرقنى ۋىتىم ئېگىزلىكى ئىگىلەپ تۇرىدۇ. ئىقلىمى مۆتىدىل بەلباغ ماتىرىك خاراكتېرلىك ئېلىم تىپىغا كىرىدۇ. 1 - ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃24 - ـ ℃25، 7 - ئايدا ℃17-℃18 كېلىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 250-500 مىللىمېترغا يېتىدۇ. بۇ جايدا ۋۇلفرام، مولىبدىن، ئالتۇن، كۆمۈر، تۆمۈر قاتارلىق ھەرخىل كان بايلىقلىرى بار. بۇريات ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى 1923 - يىلى قۇرۇلغان. كان سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا ماشىنىسازلىق، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، يېمەك - ئىچمەك، ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى بار. چارۋىچىلىقى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 2/3 قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ، قويچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. تۆمۈريول، سۇ يول قاتنىشى ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ جەنۇبىغا مەركەزلەشكەن. مۇھىم شەھەرلىرى مەركىزى ئۇلان - ئود بىلەن كياختا، گوسىنو ئوزىرىسكىيلاردىن ئىبارەت.