ماگنىتوگورسكى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ چوڭ پولات - تۆمۈر سانائەت مەركىزى، جەنۇبىي ئورال تاغلىرىنىڭ شەرقىي باغرى بىلەن ئورال دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىنىڭ ئىككى ياقىسىغا جايلاشقان. ئەتراپىدا ئورال رايونى بويىچە ئەڭ چوڭ ماگنىتلىق تۆمۈر كان جايلاشقان. شۇڭا شەھەرگىمۇ <ماگىنتوگورسكى — ماگنىتلىق شەھەر> دەپ نام قويغان. شەھەر ئاھالىسى 410 مىڭدىن ئاشىدۇ (1980)، 20 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدىن باشلاپ بۇ جايدىكى مول تۆمۈر كانلىرىنىڭ ئېچىشىغا ئەگىلىشىپ، بۇ شەھەر سوېۋت ئىتتىپاقى بويىچە چوڭ تىپتىكى پولات سانائەت بىرلەشمە كارخفنىسى بولۇپ شەكىللەنگەن. پولات سانائىتىدىن باشقا ماشىنىسازلىق سانائىتى، كوكس كۆيدۈرۈش سانائىتى، مېتالچىلىق سانائىتى تەرەققىي قىلغان. شەھەرنىڭ تۆمۈر يول، تاشيول، تۇرۇبا ترانسىپورتى تەرەققىي قىلغان. شەھەدە كان سانائەت شۆيۈەنى قاتارلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرى بار.