گورى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
سوۋېت ئىتتىپاقى گرۇزىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان ئەڭ قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ بىرى. 7 - ئەسىردىن بۇيان بۇ شەھەر تارىخقا يېزىلغان. 1801 - يىلى شەھەر بولۇپ قۇرۇلغان، شەھەر نامى گرۇزىنچە بولۇپ، ئېدىرلىق، ئېگىزلىك دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ نام شەھەرنىڭ جايلاشقان ئورنىغا قاراپ قويۇلغان، بۇ جايدا سوۋېت خەلقىنىڭ ئاتاقلىق رەھبىرى ستالىن 1879 - يىلى دۇنياغا كەلگەن. بۇ شەھەر گرۇزىيە پايتەختى تىبلىس شەھىرىنىڭ 76 كىلومېتىر شەرقىي شىمال تەرىپىگە جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى 56 مىڭدىن ئاشىدۇ، شەھەردە توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. شەھەردە ستالىن ئۆز ۋاقتىدا تۇرغان جايى، مىللىي قەھرىمانلار خاتىرە سارىيى قاتارلىق تارىخىي ئورۇنلار بار.