UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرئابۇجا

ئابۇجا

دۇنيادىكى شەھەرلەر غەربىي ئافرىقىدىكى نېگىرىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا، نېگىر، كاتونا، ئېگىزلىك ۋە كۋارادىن ئىبارەت تۆت ئۆلكىنىڭ تۇتاشقان يېرىگە جايلاشقان شەھەر. ئۇنىڭ قاتناش - ترانسپورتتىكى ئورنى ناھايىتى مۇھىم. نېگىرىيە ھۆكۈمىتى ھازىرقى پايتەختى لاگوس شەھىرىنىڭ دۆلەتنىڭ بىر چېتىگە جايلاشقانلىقى، ئىچكى ئورۇنلار بىلەن بېرىپ - كېلىشكە قولايسىزلىقى، ئادەمنىڭ ھەددىدىن ئوشۇق كۆپ، زاۋۇت - فابرىكىلارنىڭ زىچ بولۇشىدەك ئەھۋالىغا قاراپ 1976 - يىلى ئابۇجا شەھىرىنى دۆلەتنىڭ پايتەختى قىلىشنى قارار قىلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ يېڭى پايتەختنىڭ لايىھىسى، ئۇنىڭ قۇرۇلۇشى رەسمىي كۈنتەرتىپكە قويۇلدى.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر