بۇجۇمبۇرا
دۇنيادىكى شەھەرلەر
بۇرندى جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ھەم مەدەنىيەت مەركىزى. بۇ شەھەر تانگانىكا كۆلنىڭ شىمالىي ياقىسىغا جايلاشقان. ئاھالىسى 172 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983). بۇ جاي ئۆز ۋاقتىدا گېرمانىيىنىڭ ھەربىي بازىسى ھەم رۇئاندا، بۇرۇندىلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان پونكىت بولغان. ھازىر بۇرۇندىنىڭ چارۋا، كوفې، پاختا قاتارلىق مەھسۇلاتلار سودا بازىرى، يېمەك - ئىچمەك، سېمونت، توقۇمىچىلىق، تاماكا ئوراش، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى قاتارلىق كىچىك تىپتىكى سانائەتلەر توپلانغان ئورۇن. كۆلىنىڭ قىرغاق رايونلىرىدا بېلىق تۇتۇلىدۇ، تاشيول ئارقىلىق باشقا شەھەر — بازالار ھەم ھوۋاندا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ. بۇرۇندىنىڭ چەتكە چىقىرىلىدىغان مەھسۇلاتلىرى تانخانىكا كۆلىدىكى سۇ يولى ئارقىلىق تانزانىيىنىڭ پورت شەھىرى — كىگوماغا يەتكۈزۈلۈپ، ئۇ جايدىن تۆمۈر يول ئارقىلىق چەت ئەللەرگە ئېكسپورت قىلىنىدۇ. شەھەردە خەلقئارا ئايرودرومى بار.