UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرلاپاس

لاپاس

دۇنيادىكى شەھەرلەر بولۋىيىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، قاتناش مەركىزى، دۇنيا بويىچە يەر ۋەزىيىتى ئەڭ ئېگىز شەھەر. ئۇ دېڭىز يۈزىدىن 3632 مېتىر ئېگىز بولغان لاپاس دەريا ۋادا ئويمانلىقىغا جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى 880 مىڭدىن ئاشىدۇ (1982)، شەھەر ئاھالىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپىنى ئىندىئان خەلقلىرى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ شەھەر 1548 - يىلى قۇرۇلۇشقا باشلىغان. 1827 - يىلى بولۋىيە، پېرو خەلقلىرىنىڭ ئىسپانىيىگە قارشى قىلغان ھەل قىلغۇچ ئاياكوچائو ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بۇ شەھەرگە <لاپاس ئاياكوئو شەھىرى> دەپ نام بەرگەن. 1898 - يىلدىن باشلاپ لاپاس شەھىرى ئەمەلىي پايتەختكە ئايلانغان (قانۇنىي پايتەختى بولۋىيىنىڭ جەنۇبىي ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان قىسمىدا، سۇكرې شەھىرى ھېسابلىنىدۇ). ھازىرقى لاپاس شەھىرى 400 يىلدىن ئوشۇق تارىخقا ئىگە. شەھەرنىڭ سانائەت، پەن - مەدەنىيەت ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. بۇ جايدا نېفىت ئايرىش، توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك، كۆن - خۇرۇم، ماشىنىسازلىق، تاماكا، قەغەز قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. شەھەر ئەتراپىدا شېكەر قوڭمۇشى، كېۋەز، تاماكا، كۆممىقوناق، ياڭيۇ، ئارپا قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلىدۇ. لاپاس شەھىرىدە 1830 - يىلى قۇرۇلغان مۇقەددەس ئاندىرى داشۆسى ۋە باشقا ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، چېركاۋلار، مۇزېيلار، ھۈنەر - سەنئەت ئورۇنلىرى، خەلقئارا ئايرودرومى قاتارلىق ئورۇنلار بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
لاپاس | UyghurWiki | UyghurWiki