UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرجامبۇل

جامبۇل

دۇنيادىكى شەھەرلەر سوۋېت قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر، جامبۇل ئوبلاستىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر تالاس دەرياسىنىڭ سول ياقىسىغا، تۈركمەنىستان — سىبىرىيە تۆمۈريولىنىڭ تۇتاشقان يېرىگە جايلاشقان. ئاھالىسى 264 مىڭدىن ئاشىدۇ (1979). جامبۇل ئاتاقلىق قەدىمىي شەھەر، <يىپەك يولى> دىكى مۇھىم سودا مەركىزى. مىلادى 10 - ئەسىرىدىن 12 - ئەسىرگىچە قاراخانى خانلىقىنىڭ پايتەختى بولغان. 1938 - يىلى ھازىرقى نامىغا ئۆزگەرگەن. شەھەردە خىمىيە، قوي يۇڭىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، تېرە - خۇرۇم، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ماشىنىسازلىق، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرىمۇ بار. شەھەردە چوڭ تىپتىكى ئوت ئېلېكتر ئىستانىسى، ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، تەزكىرى مۇزېيى بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر