كرا بوينى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
مالايا يېرىم ئارىلىنىڭ ئەڭ تار جايى بولۇپ، شىمالىي كەڭلىك° 10نىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان. كەڭلىكى 56 كىلومېتىر كېلىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز جايى 75 مېتىرغا يېتىدۇ. شەرقىي تەرىپى سىئام قولتۇق سۈيى بىلەن، غەربىي تەرىپى ئاندامان دېڭىز سۈيى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. قەدىمدە شەرق، غەرب ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم سودا يولى بولغان. ھازىر بۇ جايدا قانال قېزىش مەسىلىسى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. ئەگەر بۇ جايدىن قانال قېزىلىدىغان بولسا، ھىندى ئوكيان بىلەن تىنچ ئوكيان ئارىلىقىدىكى سۇ قاتناش مۇساپىسى زور دەرىجىدە قىسقارغان بولاتتى. كرابوينى رايونى قېلىن تروپىك ئورمانلىرى بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. قەلەي، ۋولفرام، تروپىك ئورمانلىرى بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. قەلەي، ۋولفرام، كاۋچۇكقا ئوخشاش كان ھەم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.