گۋاتېمالا شەھىرى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى گۋاتېمالا جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى. دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى. شەھەر دۆلەتنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئېگىزلىككە جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 1493 مېتىر ئېگىز كېلىدۇ. ئاھالىسى بىر مىليون 180 مىڭدىن ئاشىدۇ (1982)، ئۇ دۆلەت بويىچىلا ئەمەس، ئوتتۇرا ئامېرىكا بويىچىمۇ ئەڭ چوڭ شەھەر. بۇ شەھەر 1524 - يىلى سېلىنغان، كېيىن كۆپ قېتىملىق يەر تەۋرەش بىلەن زور دەرىجىدە ۋەيران بولغان. 1776 - يىلى ھازىرقى جايغا يۆتكەلگەن. 1779 - يىلى مەركەز بولغان، 1823 - يىلدىن 1838 - يىلغىچە ئوتتۇرا ئامېرىكا ئىتتىپاقىنىڭ پايتەختى بولغان. 1917 -، 1918 - يىللىرى يەر تەۋرەش بىلەن پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان، كېيىن ئومۇميۈزلۈك قايتا قۇرۇلغان. ھازىر دۆلەتنىڭ ئەڭ ئاساسىي ئىقتىسادىي مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. بۇ جايدىكى سانائەت ئورۇنلىرى پۈتۈن دۆلەتتىكى سانائەت ئورۇنلىرىنىڭ %50 تىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ. سانائەتتە توقۇمىچىلىقى، يېمەك - ئىچمەك، تاماكا، سېمونت، ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائەتلىرى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن كوفى، كۆممىقوناق، بۇغداي قاتارلىق مەھسۇلاتلار بۇ جايغا توپلىنىپ تارقىتىلىدۇ. شەھرنىڭ قاتناش ئىشلىرى خېلى تەرەققىي قىلغان، شەھەردىن شەرقىي شىمالدىكى باررىئوس بىلەن غەربىي جەنۇبتىكى سان خوسې پورتلىرىغا بارىدىغان تۆمۈر يوللار بار. شەھەردە 1676 - يىلى قۇرۇلغان داشۆ، پەنلەر ئاكادېمىيىسى، مۇزېي، مايا مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ قەدىمىي تارىخىي ئورۇنلىرى بار.