مالاككا
دۇنيادىكى شەھەرلەر
غەربىي مالايشىيادىكى مالاككا ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى ھەم مۇھىم پورتى. بۇ شەھەر مالاككا دەرياسىنىڭ ئاغزىغا جايلاشقان، ئاھالىسى 464 مىڭدىن ئاشىدۇ (1982)، ئاھالىنىڭ كۆپىنى خەنزۇلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىگىلەيدۇ. مالاككا شەھىرىنىڭ ئاساسى تەخمىنەن 1400 - يىللىرى سېلىنغان. 1511 - يىلىدىن باشلاپ پورتۇگالىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان. 1641 - يىلى گوللاندىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1826 - يىلى ئەنگلىيىگە قاراشلىق مالاككا بوغۇزى مۇستەمكىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان. مالاككا مالايشىيانىڭ مۇھىم شەھەرلىرىنىڭ بىرى. شەھەردە نەشرىياتچىلىق، ياغاچچىلىق، قەغەز ئىشلەش، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. شەھەردە مۇستەتملىكىچىلەر ۋاقتىدا سېلىنغان بىر قەۋەت ئۆيلەر، 1521 - يىلى سېلىنغان سانت پاۋلو ئىبادەتخانىسى، خرىستىئان دىنى چېركاۋلىرى، ھۆكۈمەت بىنالىرى، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ بىنا قىلىنىشقا باشلىغان خەنزۇلار قەبرىستانلىقى بار. مالاككا پورتى ئارقىلىق كاۋچۇك، شېكەر، گۈرۈچ قاتارلىق مەھسۇلاتلار بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. شەھەردىن ئۇئالامپور، سىنگاپور قاتارلىق شەھەرلەرگە بارىدىغان ھاۋا يوللىرى، تاشيوللار بار.