قاراقۇم لېنىن قانىلى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
سوۋېت ئىتتىپاقى تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ جەنۇبىدىكى قانال. بۇ قانال ئامو دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىنىڭ سول ياقىسىدىكى بوساگادىن باشلىنىپ، غەربكە قاراپ مۇرگاب ۋە تېجېن بوستانلىقلارنى بېسىپ ئۆتۈپ، نېبىتى ئېقىننىڭ شىمالىي ئېقىننى شىمالىي ئېتىكىدىكى تۈزلەڭلىكنى بويلاپ، گېئوك - تىپىغا قەدەر بارىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1445 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ قانال 1954 - يىلى قېزىلىشقا باشلىنىپ، 1975 - يىلدىن ئىلگىرى 3 - قارارلىق قۇرۇلۇش (ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 837 كىلومېتىر) تاماملانغان. 1974 - يىلى 4 - قارارلىق قۇرۇلۇش باشلانغان. ئامۇ دەرياسىدىن باشلىنىدىغان سۇنىڭ ئېقىش مىقدارى سېكۇنتىغا 300 كۇب مېتىرغا يېتىدۇ. ئامۇ دەرياسىدىن مورگاب دەرياسى ئارىلىقىدا قاتناش قىلىشقا بولىدۇ، سۇغىرىش ئۈچۈن پايدىلىنىدۇ. قانالنىڭ ئىككى تەرىپىگە تۈركمەنىستاننىڭ مۇھىم پاختىزارلىقلىرى تارقالغان.