UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرتورونتو

تورونتو

دۇنيادىكى شەھەرلەر كانادانىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى، ئونتارىئو ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى. ئونتارىئو كۆلىنىڭ شىمالىي ياقىسىغا جايلاشقان مۇھىم پورت. شەھەر ئاھالىسى شەھەر رايونلىرى بىلەن قوشۇلۇپ 2 مىليون 800 مىڭدىن ئاشىدۇ (1980). بۇ شەھەر 1794 - يىلىدىن باشلاپ بىنا قىلىنغان. شەھەرنىڭ بۇرۇنقى نامى ئۆز ۋاقتىدىكى ئەنگلىيە پادىشاھى گېئورگى Ⅲ نىڭ ئوغلى يورك نامىغا <يورك> دەپ نام بېرىلگەن. 1834 - يىلىدىن باشلاپ تورونتو دەپ ئاتالغان. 1867 - يىلى ئونتارىئو ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى بولغان. تورونتو كانادانىڭ مۇھىم سانائەت، قاتناش مەركىزى. بۇ جايدا خەلقئارا ئايرودورمى، دۆلەتنىڭ باشقا جايلىرىغا بارىدىغان بىر قانچە تارماق تۆمۈريو، تاشيوللار بار. تورونتو شەھىرى ئونتارىئو كۆلىنىڭ شىمالىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن شۇ ئەتراپتىكى سانائەت، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى مۇشۇ شەھەرگە توپلىنىپ، بۇ جايدىن پويىز، ماشىنا، پاراخوتلار ئارقىلىق دۆلەتنىڭ باشقا جايلىرىغا، باشقا دۆلەتلەرگە توشۇلىدۇ. پاراخوت بۇ شەھەردىن ئونتارىئو كۆلى، لاۋرىنتىيە دەرياسى ئارقىلىق كانادانىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى مۇنتىرىئال، كېۋيېبىك قاتارلىق شەھەرلەرگە بارالايدۇ. تورونتو كانادانىڭ مۇھىم پۇل - مۇئامىلە، سودا - سانائەت شەھىرى، مەدەنىي - مائارىپ مەركىزى. بۇ جاينىڭ گۆش پىششىقلاپ ئىشلەش، ئايروپىلان ياساش، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنى ياساش، نەشرىياتچىلىق، ئېلېكتر ئەسۋابلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق سانائەتلىرى تەرەققىي قىلغان. ئۇنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيىسى مونتىرىئالدىن قېلىشمايدۇ. تورونتو شەھىرىدە چېركاۋلار ناھايىتى كۆپ. شۇڭا چېركاۋلار شەھىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شەھەردە ئاتاقلىق تورونتو داشۆسى قاتارلىق نۇرغۇن ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، مۇزېيخانىلار، گۈزەل سەنئەت ئورۇنلىرى بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
تورونتو | UyghurWiki | UyghurWiki