غەربىي سەھرا
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئافرىقىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان. غەربتە ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن، قۇرۇقلۇقتا ماراكەش، ئالجىرىيە، ماۋرىتانىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ. مەيدانى 266 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 163 مىڭ 868 كىشىگە يېتىدۇ (1982)، ئاھالىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئەرەبلەر بىلەن بېر - بېرلار تەشكىل قىلىدۇ، ئەرەب تىلى بىلەن ئىسپان تىلىنى ئورتاق قوللىنىدۇ. ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. غەربىي سەھرانىڭ شەرقىي قىسىملىرىنىڭ يەر ۋەزىيىتى ئېگىزرەك بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن تەخمىنەن 300 مېتىر كېلىدىغان ئېگىزلىكلەردىن ئىبارەت. غەربىي تەرىپىدە دېڭىز قىرغاق تۈزلەڭلىكلىرى بار، قالغان قىسىملىرىنى ئېگىز - پەس قۇم بارخانلىرى ئىگىلەپ تۇرىدۇ. ھاۋاسى قۇرغاق، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 50-200 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ، ئىچكى قىسمىنىڭ ھ اۋاسى قۇرغاق، دېڭىز قىرغاق رايونلىرىنىڭ ھاۋاسى نەمرەك كېلىدۇ. ئۆسۈملۈكلىرى شالاڭ، دائىم ئېقىپ تۇرىدىغان دەريالار يوق. غەربىي سەھراغا 7 - ئەسىردە ئەرەبلەر كۆچۈپ كەلگەن. 15 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى پورتۇگالىيىلىكلەر تاجاۋۇز قىلغان، 1884 - يىلى ئىسپانىيىلىكلەر بېسىپ كىرگەن، 1886 - يىلى ئىسپانىيە بۇ جاينى ئۆزىنىڭ <قوغداش دائىرىسىدىكى ئورۇن> دەپ ئايرىغان. 1958 - يىلى 1 - ئايدا ئىسپانىيىنىڭ بىر ئۆلكىسى دەپ ئايرىغان. ماراكەش بىلەن ماۋرىتانىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئىسپانىيىدىن غەربىي سەھرانى قايتۇرۇۋېلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1976 - يىلى 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئىسپانىيە غەربىي سەھرادىن چېكىنىپ چىققان. شۇنىڭدىن كېيىن غەربىي سەھرانىڭ ئىگىدارچىلىق مەسىلىسىدە تالاش - تارتىش قىلماقتا. غەربىي سەھرا ئاھالىسىىڭ كۆپى كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، قوي، تۆگە باقىدۇ، بوستانلىق جايلاردا ئارپا، بۇغداي، كۆممىقوناق قاتارلىق زىرائەتلەرنى ئۆستۈرىدۇ، دېڭىز قىرغاقلىرىدا بېلىق تۇتۇلىدۇ. كان بايلىقلىرىدىن فوسفورلۇق مىنېرالنىڭ زاپىسى مول، يىللىق مەھسۇلاتى ئۈچ مىليون توننىدىن ئاشىدۇ، ئاساسى ئېكسپورت ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كالىي تۇزى، مىس، نېفىت، تۆمۈر، سىنك قاتارلىق كان بايلىقلىرى بار. ئەڭ چوڭ شەھىرى ئابۇئىن.