سېينا دەرياسى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
فرانسىيىنىڭ شىمالىدىكى چوڭ دەريا. ئۇنىڭ باش مەنبەسى فرانسىيىنىڭ شەرقىدىكى لانگرې ئېگىزلىكىدىن باشلىنىپ، غەربىي شىمالغا قاراپ ئېقىپ، پارىژ ئويمانلىقىنى كېسىپ ئۆتۈپ، گاۋىر شەھىرىنىڭ يېنىدا ئەنگلىيە بوغۇزىنىڭ سېينا قولتۇقىغا قويۇلىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 776 كىلومېتىر، كۆلىمى 78 مىڭ 600 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. سېينا دەرياسىنىڭ سۈيى مول بولۇپ، فرانسىيىنىڭ ئەڭ مۇھىم سۇ قاتناش تورى ھېسابلىنىدۇ. قاتناش مۇساپىسى 560 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ دەريا قاناللار ئارقىلىق كېين دەرياسى، دوناي دەرياسىنىڭ تارمىقى سونا دەرياسى، لوئارا دەرياسى قاتارلىق دەريالار بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇپ، فرانسىيىنىڭ ھەممە قىسىملىرىنى باغلاپ تۇرىدىغان چوڭ سۇ قاتناش تورىنى شەكىللەندۈرگەن سيېنا دەرياسىدىن يولغا چىققان پاراخوتلار قاناللار ئارقىلىق يەر ئوتتۇرا دېڭىز تەرەپكە چىقالايدۇ. دەريا سۈيى كۆتۈرۈلگەن ۋاقىتلاردا ئوكيان پاراخوتلىرى روئان پورتىغا قەدەر كېلەلەيدۇ. سېينا دەرياسى توشۇلىدىغان يۈك مىقدارى جەھەتتە فرانسىيە بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرىدۇ. دەريانىڭ باش ئېقىمىدا نۇرغۇن سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرى قۇرۇلغان، دەريانىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىم رايونىغا فرانسىيىنىڭ مۇھىم سانائەت ھەم يېزا ئىگىلىك رايونلىرى جايلاشقان. دەريا بويىدا گاۋىر، رۇئان، پارىژ قاتارلىق پورتلار بار.