UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەربراززاۋىل

براززاۋىل

دۇنيادىكى شەھەرلەر كونگو جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى، ئەڭ چوڭ شەھىرى. براززاۋىل شەھىرى كونگو دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىنىڭ ئوڭ قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، زايىر جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى كىنىشاشا بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ. ئاھالىسى 500 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983)، شەھەردە توقۇمىچىلىق، سېمونت، شېكەر، ياغ چىقىرىش، ياغاچچىلىق، مېتالچىلىق، تاماكا، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. شەھەرنىڭ غەربىي تەرىپىدە سۇ ئېلېكتر ئىستانىسى بار. براززاۋىل شەھىرى تۆمۈر يول ئارقىلىق كونگو جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ پورتى قارا تۇمشۇق بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ. براززاۋىل كونگو دەريا بويىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ سۇ قاتنىشى تەرەققىي قىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
براززاۋىل | UyghurWiki | UyghurWiki