كرىۋوي روگ
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئۇكرائىننىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىغا جايلاشقان مۇھىم پولات سانائەت مەركىزى. يىلىغا پۈتۈن سوېت ئىتتىپاقى بويىچە پولا ئىشلەپچىقىرىشتا ماگىنتو گورسكى، ژدانوۋلاردىن قالسا 3 - ئورۇندا تۇرىدۇ. شەھەر ئاھالىسى 684 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985). شەھەر ئەتراپىدا سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ئەڭ چوڭ تۆمۈر كانلىرى جايلاشقان. دونباس كۆمۈرلۈكى بىلەن بولغان ئارىلىقىمۇ 400 كىلومېتىر كېلىدۇ، كروۋوي روگ 17 - ئەسىردە قۇرۇلغان، 19 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرى ئەتراپىدىكى تۆمۈر كانلىرىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان. سانائەتتە پولات سانائىتىدىن باشقا كان ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، رۇدا قېزىش، كوكس كۆيدۈرۈش، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، تېرە - خۇرۇم، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەتلىرىمۇ تەرەققىي قىلغان. شەھەردە كان سانائەت شۆيۈەنى قاتارلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرى بار.