UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەريابلانوۋى تېغى

يابلانوۋى تېغى

دۇنيادىكى شەھەرلەر سوۋېت ئىتتىپاقى شەرقىي سىبىرىيىنىڭ جەنۇبىدىكى بايقال كۆلىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان. شەرقىي شىمالدىن غەربىي جەنۇبقا قاراپ 650 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا، 20-120 كىلومېتىر كەڭلىكتە سوزۇلۇپ تۇرىدۇ. ئەڭ ئېگىز جايى 1702 مېتىر، ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1000-1500 مېتىر كېلىدۇ. بۇ تاغلىق گرانت، كرىستال گېپس، قۇم تاشلاردىن تۈزۈلگەن. دېڭىز يۈزىدىن 1200-1400 مېتىردىن تۆۋەن بولغان تاغ باغرىلىرى ئورمانلار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. يوپۇرماق تاشلايدىغان قارىغاي، شەمشاد، ئارچا قاتارلىق دەرەخلىرى ئۆستۈرلىدۇ. تاغ چوققىلىرىغا تۇندىرا بەلبېغى جفيلاشقان. تاغلىقنىڭ جەنۇبىي بۆلىكى تىنچ ئوكيان بىلەن شىمالىي مۇز ئوكياننىڭ سۇ بۆلگۈچ تېغى ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر