ئامرىتسار
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ھىندىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىمالىدىكى پەنجاپ شىتاتىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى. ئۇ پاكىستاننىڭ لا:ھور شەھىرى بىلەن ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل تۇرىدۇ. شەھەر ئاھالىسى 458 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمىنى شىكخلار (ھىندىستاندىكى ئۇرۇشقا ماھىر خەلقلەرنىڭ بىرى) تەشكىل قىلىدۇ. ئامرىتسار ھىندىستاننىڭ شىمالى قىسمىدىكى مۇھىم سودا - سانائەت ۋە قاتناش مەركىزى. شەھەرگە پاختا، گۈرۈچ، ياغاچ، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى توپلىنىپ تارقىتىلىدۇ. شەھەرنىڭ پاختا، يۇڭ توقۇمىچىلىق سانائەتلىرى خېلى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ھىندىستان بويىچە خېلى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. شەھەردە يەنە ستانوك، دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى ياساغ، ئېلېكتر ئەسۋابلىرىنى ياساش، خىمىيە، گىلەمچىلىك، ھەرخىل قول ھۆنەرۋەنچىلىك سانائەتلىرىمۇ خېلى تەرەققىي قىلغان. ئامرىتسار شىكخالارنىڭ دىنىي مەركىزى. بۇ شەھەردە 1919 _ YHLH 13 - ئاپرېل ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىچىلىرىگە قارشى نامايىش پارتىلىغان، مۇستەملىكچىلەر قورالسىز خەلقنى دەھشەتلىك قىرغىن قىلغانلىقى ئۈچۈن 2000 دىن ئوشۇق كىشى ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغان. بۇ تارىختا <ئامىرىتسار قىرغىنچىلىقى> دەپ ئاتالغان. شەھەر يېنىدا شكخالارنىڭ <ئۆلمەس كۆل> دەپ ئاتالغان بىر كۆلى بار. شەھەر نامى 1577 - يىلى شۇ كۆل ئەتراپىدا مەيدانغا كەلگەن كۆلنىڭ نامى بويىچە ئاتالغان. ئۇ ئەسلىدىكى سانسىكرىتچە ئامرىتا - ساراس سۆزىدىن ئۆزگەرگەن. شەھەر بىنا بولغاندىن كېيىن شىكخالارنىڭ مۇقەددەس شەھىرى — دىنىي، مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلانغان. بۇ يەردە 16 -، 17 - ئەسىرلەردە سېلىنغان <ئالتۇن ساراي> دەپ ئاتالغان چوڭ ئىبادەتخانا بار. بۇ ئىبادەتخانا ئۆز نۆۋىتىدە شىكخالارنىڭ ئالىي مەكتىپى ھېسابلىنىدۇ.