سكىكدا
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئالجىرىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى پورت شەھىرى، يېڭى سانائەت مەركىزى، مۇھىم نېفىت، تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىدىغان پورت. شەھەر ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ ستورا قولتۇقىنىڭ جەنۇبىدىكى قىرغىقىغا جايلاشقان. ئاھالىسى 128 مىڭدىن ئاشىدۇ. رىم دەۋرىدىكى قەدىمىي شەھەر رۇسكادانىڭ كونا جايى، بۇ جايدا شۇ دەۋردىكى تىياتىرخانىلارنىڭ قالدۇقلىرى ساقلىنىپ قالغان. ھازىرقى شەھەر 1838 - يىلى سېلىنغان. قوي يۇڭى، تېرە ۋە چارۋا سودىسى راۋاجلانغان، ھاراق ئىشلەش، تېرە - خۇرۇم قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. 20 - ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدىن باشلاپ زامانىۋىلاشقان نېفىت ئايرىش، تەبىئىي گازنى سۇيۇقلاندۇرۇش، نېفىت - خىمىيە سانائەت بىرلەشمە كارخانىسى قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بارلىققا كەلگەن. نېفىت تۇرۇبىسى بىلەن تەبىئىي گاز تۇرۇبىلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا مېسېدار، خاسسىي رومېل پورتلىرىغا تۇتاشتۇرۇلىدۇ. پورت رايونىغا