UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرپورتونوۋ

پورتونوۋ

دۇنيادىكى شەھەرلەر بېنىن جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەت بويىچە ئىككىنچى چوڭ شەھەر. بۇ شەھەر دۆلەتنىڭ شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز قىرغىقىدىكى نوكوي قولتۇقىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، غەربىي جەنۇبتىكى سىرتقى پورتى كوتونودىن 35 كىلومېتر يىراق تۇرىدۇ. كوتونوغا ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى جايلاشقان. ئاھالىسى 330 مىڭدىن ئاشىدۇ (1980)، پورتونوۋو تارىختا پورتونوۋو پادىشاھلىقىنىڭ مۇھىم جايى بولغان. 1752 - يىلى پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچىلىرى مۇھىم سودا ئورنى قىلغان. ھازىر كوتونو بىلەن دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. بۇ جايغا ھۆكۈمەت ئىدارىلىرى، پارلامېنت بىناسى، تاشقى ئىشلار مىنستىرلىكى قاتارلىق ئورۇنلار جايلاشقان. شەھەردە ياغاچچىلىق، ماي چىقىىش، يېمەك - ئىچمەك، سوپۇن ئىشلەش قاتارلىق كىچىك تىپتىكى سانائەت ئورۇنلىرى بار. تۆمۈريول ئارقىلىق سىرتقى پورتى كوتونو بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. كوتونو ئارقىلىق پالما مېغىزى، پالما يېغى، كوفې، پاختا قاتارلىق زىرائەتلەر ئېكسپورت قىلىنىدۇ. شەھەر ئەتراپىدا نېفىت زاپىسى مول.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر