UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرياۋا ئارىلى

ياۋا ئارىلى

دۇنيادىكى شەھەرلەر ھىندۇنېزىيىنىڭ مۇھىم ئارىلى، ھىندۇنېزىيىنىڭ ئىقتىساد، پەن - مەدەنىيەت، قاتناش ترانسىپپورتى ئەڭ تەرەققىي قىلغان، ئاھالىسى ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان بىر ئارال. ئۇنىڭ يەر مەيدانى 126 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 970 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى 80 مىليوندىن ئاشىدۇ. پۈتۈن ھىندۇنېزىيە ئاھالىسىنىڭ %50 تىن كۆپرەكى مۇشۇ ئارالغا جايلاشقان. ھەربىر كۋادرات كىلومېتىر يەرگە 650 كىشى توغرا كېلىدۇ. ياۋا ئارىلىنىڭ كۆپ قىسمىنى تاغلىق، ئېدىرلىقلار ئىگىلەپ تۇرىدۇ. تاغلىقلاردا ئۇششاق ئويمانلىقلار ناھايىتى كۆپ. ئۇنىڭ شىمالىي دېڭىز قىرغىقىغا تۈزلەڭلىكلەر جايلاشقان. كۆپ قىسىم ئورۇنلىرىنىڭ ئىقلىمى تروپىك يامغۇرلۇق ئورمان ئىقلىمىغا خاس بولۇپ، تېمپېراتۇرىسى يىل بويى يۇقىرى بولىدۇ، تېمپېراتۇرىنىڭ يىللىق پەرقى چوڭ ئەمەس، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 2000 مىللىمېتىردىن ئاشىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ 23% يېرى ئورمان، قالغان جايلىرى ئوت - چۆپ ۋە تېرىلغۇ زىرائەتلىرى بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. ياۋا ھىندۇنېزىيىنىڭ ئەڭ تەرەققىي قىلغان بىر رايونى، بۇ جايدا ئۆستۈرۈلىدىغان شال، كۆممىقوناق، مانىخوت، دادۇر، خاسىڭ قاتارلىق بەش خىل مۇھىم زىرائەت مەھسۇلاتى پۈتۈن دۆلەتتە ئۆستۈرۈلىدىغان شۇ خىل زىرائەتلەرنىڭ %65-% 80نى ئىگىلەيدۇ. ئۇلاردىن باشقا شېكەر قومۇشى، چاي، كوفى، ياغاچ، پاختا، خىنىن دەرىخى، كاۋچۇك، تاماكا قاتارلىقلارمۇ كۆپ ئۆستۈرۈلىدۇ. ياۋا ئارىلىنىڭ تەبىئىي شارائىتى ياخشى، بايلىقى مول، ئەمگەك كۈچى تولۇق، شۇڭا ئۇ ھىندۇنېزىيىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي رايونى ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
ياۋا ئارىلى | UyghurWiki | UyghurWiki