UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرئاسۇنسىئون

ئاسۇنسىئون

دۇنيادىكى شەھەرلەر جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان پاراگۋاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى، پاراگۋاينىڭ ئەڭ چوڭ دەريا پورتى. ئاسۇنسىئون پاراگۋاي دەياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا، پىكوما دەريا ئاغزىغا جايلاشقان. شەھەر جايلاشقان ئورۇننىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 53 مېتر كېلىدۇ. شەھەر شەرققە قاراپ 20 كىلومېتر سوزۇلىدۇ. ئاھالىسى 600 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983)، ئاسۇنسىئون 1537 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى بىنا قىلىشقا باشلىغان. بۇ كۈن مەريەمئانىنىڭ ئاسمانغا چىقىپ كەتكەن ئاسۇنسىئون بايرام كۈنىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بۇ شەھەرگە نۇ ئېستراسېندرادېلا ئاسۇنسىئون (مۇققەددەس ئانا ئاسمانغا چىقىپ كەتكەن كۈن) دەپ نام بەرگەن. كېيىن بۇ نامنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئاسۇنسىئون سۆزىنى (ئاسمانغا چىققان كۈن) بۇ شەھەرنىڭ نامى قىلىپ قوللانغان. ئاسۇنسىئون 1580 - يىلى جەنۇبىي لاپلاتا ۋالىيىسىغا قاراشلىق رايوننىڭ مەركىزى بولغان. پاراگۋاي 1811 - يىلى 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ پايتەختى قىلىپ بەلگىلەنگەن. ئاسۇنسىئون پاراگۋاينىڭ ئەڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى. شەھەرنىڭ سانائىتى، يېزا ئىگىلىكى خېلى تەرەققىي قىلغان. بۇ جايدا توقۇمچىلىق، تاماكا، ياغ چىقىرىش، شېكەر، ئۇن زاۋۇتلىرى، كېمىسازلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. دۆلەتتىن سىرتقا چىقىرىلىدىغان پاختا، تاماكا، گۆش، چاي، ياغاچ قاتارلىق مەھسۇلاتلار مۇشۇ پورت ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. بۇ جايدىن دۆلەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تۇتاشتۇرۇلغان نۇرغۇن تاشيول ھەم تۆمۈريوللار بار. شەھەرنىڭ يېنىدا خەلقارالىق ئايرودرومى بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئاسۇنسىئون | UyghurWiki | UyghurWiki