UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرگلازگو

گلازگو

دۇنيادىكى شەھەرلەر ئەنگلىيىنىڭ شىمالىدىكى شوتلاندىيىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى، مۇھىم پورتى، ئەنگلىيىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان مۇھىم سودا - سانائەت، مەدەنىيەت ھەم قاتناش مەركىزى. گلازگو شوتلاندىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى پەس جايغا، كلايد دەرياسىنىڭ ئىككى ياقىسىغا جايلاشقان. گلازگو شەھىرىنىڭ غەربتىكى دەريا ئاغزىغا قەدەر بولغان ئارىلىقى 35 كىلومېتىر كېلىدۇ. كلايد دەريا ئاغزىدىن دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا قاراپ يۈرگەن پاراخوتلار گلازگو شەھىرىگە كىرەلەيدۇ. شەھەرنىڭ يەر مەيدانى 207 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى بىر مىليوندىن ئاشىدۇ (1981). گلازگو مىلادىيە 6 - ئەسىردە قۇرۇلغان، 19 - ئەسىرگە كەلگەندە تەرەققىي قىلىپ مۇھىم كېمىسازلىق، پولات - تۆمۈر، ماشىنىسازلىق، توقۇمىچىلىق قاتارلىق سانائەت مەركىزىگە ئايلانغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن يېڭىدىن ئېلېكترون، رادار، نېفىت ئايرىش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى قۇرۇلغان. ھازىر ئۇ ئەنگلىيىنىڭ مۇھىم كېمىسازلىق سانائەت مەركىزى بولۇپ، كېمىسازلىق سانائىتى بىلەن ئەنگلىيىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تىتىدۇ. كلايد دەرياسىنىڭ ئىككى ياقىسىدا 10 نەچچە كېمىسازلىق زاۋۇتى بار. بۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆمۈركان، مېتاللۇرگىيە، ماشىنىسازلىق (ئاپتوموبىل، ئېلېكتر ماشىنىلىرى)، توقۇمىچىلىق، نېفىت ئايرىش قاتارلىق سانائەتلەرمۇ تەرەققىي قىلغان. گلازگو ئەنگلىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى مۇھىم مەدەنىيەت مەركىزى، ئۇ جايدا 1451 - يىلى قۇرۇلغان گلازگو داشۆسى،. مۇزېيلار، ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى قاتارلىقلار بار. گلازگو ئەنگلىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى مۇھىم سۇ، قۇرۇقلۇق، ھاۋا قاتناش تۈگۈنى، گلازگو شەھىرىدىن قانال ئارقىلىق شەرقتىكى فيورت ئوف فورت قولتۇقىغا چىققىلى بولىدۇ، بىرقانچە تارماق تۆمۈر يول، تاشيوللار ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلىرىگە بارىدىغان ھاۋا يوللىرىمۇ بار. كلايد دەرياسىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى شەھەرلەر كۆۋرۈكلەر ئارقىلىق تۇتىشىپ تۇرىدۇ. شەھەردە 96 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، 1896 - يىلى قۇرۇلغان 10.5 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يەر ئاستى تۆمۈر يولى بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر