بېرمۇدا تاقىم ئاراللىرى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمىغا جايلاشقان مارجان ئاراللىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، چوڭ - كىچىك 360 دىن ئوشۇق ئارالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۆلىمى 53.3 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بېرمۇدا ئارىلى ئەڭ چوڭ ئارال ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئاراللارنىڭ 20 سىدە كىشىلەر ئولتۇراقلاشقان. بۇ ئاراللار ئىچىدىكى 11 ئارال كۆۋرۈك ياكى توسىملار ئارقىلىق بىر - بىرى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. ئاھالىسى 50 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983)، بۇنىڭ % 60 نى نېگىرلار، قالغىنىنى ياۋروپالىق ئاق تەنلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ. مەركىزى ھامېلتون شەھىرى. بېرمۇدا تاقىم ئاراللىرىغا بىرىنچى قېتىم 1503 - يىلى ئىسپانىيىلىك ھوپان — دې بېرمۇدبىز دېگەن كىشى كەلگەن. بۇ ئاراللارنىڭ نامىمۇ شۇنىڭ نامىغا <بېرمۇدا ئاراللىرى> دەپ نام بېرىلگەن. بۇ ئارالللارغا 1609 - يىلى ئەنگلىيىلىكلەر بېسىپ كىرگەن. 1684 - يىلى رەسمىي ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان. 1940 -، 1941 - يىللىرىدا ئەنگلىيە بىلەن ئا ق ش ئوتتۇرىسىدەىكى كېلىشىم بويىچە بۇ ئاراللار ئىچىدىكى مورگان قاتارلىق ئۈچ ئارالنى ئا ق ش غا 99 يىللىق مۇددەت بىلەن ئىجارىگە بەرگەن. بۇ ئاراللار ئىچىدىكى گېئورگېس ئارىلىدا ئا ق ش نىڭ مۇھىم ھاۋا ئارمىيە بازىسى بار. بۇ جايدىكى كىندلېي ئايرودرومى مۇھىم ھەربىي ۋە خەلقئارا قاتناش پونكىتى ھېسابلىنىدۇ. بۇ جايدا 1960 - يىلى ئا ق ش ھۆكۈمىتى سۈنئىي ھەمرادىن خەۋەر ئېلىش پونكىتى قۇرغان، 1957 - يىلى بېرمۇدا ئاراللىرىدا تۇرۇشلۇق ئەنگلىيە قوشۇنلىرى ئاخىرقى قېتىم بۇ جايدىن چېكىنىپ چىققان. 1968 - يىلى بېرمۇدا ئىچكى ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. بېرمۇدا شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياندىكى مۇھىم ستراتېگىيىلىك ئورۇن، مۇھىم دېڭىز، ھاۋا قاتناش تۈگۈنى، ياۋروپا بىلەن شىمالىي ئامېرىكا ئارىلىقىدا قاتنايدىغان ئايروپىلان، پاراخوتلار بېرمۇدادا توختاپ ئۆتىدۇ. ئۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياننى كونترول قىلىشتا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بېرمۇدا ئىقتىسادتا ساياھەتچىلىك، بېلىقچىلىق، باغۋەنچىلىك ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. يىللىق ساياھەتچىلىك كىرىمى 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ، ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ % 65 ى بىۋاسىتە ھەم ۋاسىتىلىك ھالدا ساياھەتچىلىك ساھەسىدە ئىشلەيدۇ. ھەر يىلى ساياھەت قىلىپ كېتىدىغانلار 567 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشىدۇ. ئۇنىڭ ئىقتىسادىي جان تومۇرىنى چەت ئەل مونوپول كاپىتالىستلىرى كونترول قىلىدۇ. بۇ جايدا چەت ئەللەرنىڭ 3270 دىن ئوشۇق شىركىتى بار. ئەتراپىدىكى دېڭىزدىن بېلىق تۇتۇلىدۇ. ياڭيۇ، مېۋە، سەي، ئاپېلسىن، ماندارىن قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلىدۇ. سانائىتىدە كېمىسازلىق، دورىگەرلىك ۋە قول سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى قامدىيالمايدۇ.