UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرمونتېررېي

مونتېررېي

دۇنيادىكى شەھەرلەر مېكسىكىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان ئەڭ چوڭ شەھىرى، يېڭى لېئون شتاتىنىڭ مەركىزى. شەھەر ئاھالىسى بىر مىليون 50 مىڭ، شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ بىر مىليون 920 مىڭدىن ئاشىدۇ (1981)، مېكسىكا بويىچە ئۈچىنچى چوڭ شەھەر ھېسابلىنىدۇ. مونتېررېي شەھىرى مېكسىكىدىكى شەرقىي مادىرا تېغىنىڭ سانت كاتارىنا ۋادىسىغا جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 538 مېتىر كېلىدۇ. ئىقلىمى قۇرغاق بولۇپ، قىشلىقى سالقىن، يازلىقى ئىسسىق كېلىدۇ، بۇ قاي ئەسلى ئىندىئانلار قەبىلىلىرى ئولتۇراقلاشقان ئورۇن بولۇپ، 1579 - يىلى شەھەرچە بولۇپ قۇرۇلغان. 1882 - يىلى ئا ق ش غا تۇتىشىدىغان تۆمۈر يول قۇرۇلغاندىن كېيىن تەدرىجىىي تەرەققىي قىلىپ، مېكسىكىنىڭ ئەڭ چوڭ مېتاللورگىيە سانائەت مەركىزىگە ئايلانغان. 1976 - يىلى شەھەرنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بالساس دەريا بويىدا يىلىغا بىر مىليون 300 مىڭ توننا پولات ئىشلەپچىقىرىدىغان پولات زاۋۇتى قۇرۇلغان. ھازىر مونتېررېي شەھىرىدە ئىشلەپچىقىرىلغان پولات پۈتۈن مېكسىكا بويىچە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان پولاتنىڭ %50 دىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا قوغۇشۇن، مىس، كۈمۈش، ۋىسمۇت، سۈرمە، ئەينەك، سېمونت، خىمىيە، توقۇمىچىلىق، تاماكا، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. شەھەر ئەتراپىدا كېۋەز ھەم ھەرخىل مېۋە ئۆستۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر