UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرماپۇتو

ماپۇتو

دۇنيادىكى شەھەرلەر موزامبىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، ئەڭ چوڭ پورتى. بۇ شەھەر 1976 - يىلىدىن ئىلگىرى لۇرېنسو ماركىش دەپ ئاتالغان. 1884 -، 1885 - يىللىرى ماپۇتو شەھىرىنى جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈر يول قۇرۇلغاندىن كېيىن تېز تەرەققىي قىلشىقا باشلىغان. ھازىر ئۇ شەرقىي ئافرىغا بويىچە مۇھىم شەھەرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شەھەر ئاھالىسى 785 مىڭدىن ئاشىدۇ (1981). ماپۇتو موزامبىكنىڭ مۇھىم سىياسىي، ئىقتىسادىي ھەم قاتناش مەركىزى. شەھەردە چوڭ تىپتىكى نېفىت ئايرىش، ئۇن، توقۇمىچىلىق، شېكەر، سېمونت، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. ماپۇتو پورتى ئارقىلىق يالغۇز موزامبىكنىڭ ماللىرى ئېكسپورت قىلىنىپلا قالماستىن، بەلكى جەنۇبىي ئافرىقا ھەم سىۋىزالىندلارنىڭ بىر قىسىم ماللىرىمۇ ئېكسپورت قىلىنىدۇ. ئىمپورت قىلىنغان ماللارمۇ شۇ پورت ئارقىلىق جەنۇبىي ئافرىقا ھەم سىۋىزالىندلارغا يۆتكىلىدۇ. ماپۇتو پورتىغا بىرلا ۋاقىتتا 20 دىن ئارتۇق ئوكيان پاراخوتلىرى كېلىپ توختىيالايدۇ. شەھەردە خەلقئارا ئايرودرومى، دەم ئېلىش ئورۇنلىرى، مەنزىرىلىك ساياھەت ئورۇنلىرى، ئاتاقلىق تارىخىي ئورۇنلار بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر