مېلبۇرن
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئاۋسترالىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمىغا جايلاشقان ۋىكتورىيە شتاتىنىڭ مەركىزى، ئاۋسترالىيىنىڭ سېدنې شەھىرىدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ شەھەر، ئەڭ چوڭ پورتنىڭ بىرى. مېلبۇرن شەھىرى فىلىپ قولتۇقىغا قويۇلىدىغان ياررا دەريا ئاغزىغا جايلاشقان. يەر مەيدانى 800 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ 2 مىليون 600 دىن ئاشىدۇ. بۇ شەھەرنى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى <شىن جىڭشەن يېڭى ئالتۇن تاغ> دەپ ئاتايدۇ. بۇ جاينىڭ ئەتراپىدا 19 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدىن باشلاپ ئالتۇن كان تېپىلغاندىن كېيىن تېز تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان. 1901 - يىلدىن 1927 - يىنلغىچە ئاۋسترالىيىنىڭ مەركىزى بولغان. ھ ازىر ئاۋسترالىيىنىڭ مۇھىم سانائەت، سودا ۋە قاتناش مەركىزى. شەھەردە ئېغىز ماشىنىسازلىق، ئاپتونوبىل ئىشلەپچىقىرىش، ئايروپىلان يااش، نېفىت ئايرىش، قوغۇشۇن تاۋلاش، توقۇمىچىلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى تەرەققىي قىلغان. مېلبۇرن پورتىنىڭ 20 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا پاراخوت توختايدىغان پرىستانلىرى بار، ئۇ مۇھىم خەلقئارا سودا پورتى. بۇ جاي ئارقىلىق ئاۋسترالىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبى رايونلىرىدىكى قوي يۇڭى، گۆجش، مېۋە، ئاشلىق قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئېكسپورت قىلىنىدۇ. شەھەردە 1853 - يىلى قۇرۇلغان مېلبۇرن داشۆسى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، مەشھۇر پادىشاھ ئۆسۈملۈك باغچىسى، دېڭىز قىرغاقلىرىدا نۇرغۇنلىغان دەم ئېلىش، ساياھەت قىلىش ئورۇنلىرى بار.