نيو - يورك
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئەڭ چڭو شەھىرى، كاپىتالىزم دۇنياسى بويىچە ئەڭ چوڭ پۇل مۇئامىلە مەركىزى. 159 دۆلەت ئەزا بولغان (1984 - يىل 12 - ئاي) ب د ت نىڭ باش ئىش باشقۇرۇش ئورنى جايلاشقان شەھەر، ئا ق ش نىڭ ئەڭ چوڭ پورتى، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تۆت پورتنىڭ بىرى. نيو - يورك شەھىرى ئا ق ش نىڭ شەرقىي دېڭىز ياقىسىدىكى گوتزۇن دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىغا جايلاشقان. يەر مەيدانى 830 كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. شەھەر مانخاتتان رايونى، بروكلىن رايونى، بوركىس رايونى، كونىس رايونى، رىنموند رايونىدىن ئىبارەت بەش رايونغا بۆلۈنىدۇ. نيو - يورك ئا ق ش نىڭ ئەڭ چوڭ سانائەت مەركىزى، ئۇ يىلىغا 150 مىليون توننىدىن ئارتۇق يۈكنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ. ئا ق ش نىڭ چەت ئەللەر ئارا بولىدىغان سودا ئالاقە ئومۇمىي قىممىتىدە %40 نى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭ كىيىم - كېچەك، نەشرىياتچىلىق، پەرداز بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىش سانائەتلىرى دۆلەت بويىچە بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئۇلاردىن قالسا ماشىنىسازلىق، ھەربىي قورال - ياراق ئىشلەپچىقىرىش، نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، مېتالچىلىق، يېمەك - ئىچمەك، ئېغىر تىپتىكى خىمىيە قاتارلىق سانائەتلىرىمۇ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. نيۇ - يورك ئا ق ش نىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەم مەدەنىيەت مەركىزى، بۇ جايدا ھەيۋەتلىك چوڭ ھەم ئېگىز (111 قەۋەتلىك) سودا ماگىزىنلىرى، چوڭ بانكىلار، ئاسمان - پەلەك بىنالار، تىياتىرخانىلار، باغچىلار، مۇزېيلار، 1754 - يىلى قۇرۇلغان كولومبىيە داشۆسى، 1847 - يىلى قۇرۇلغان نيۇ - يورك داشۆسى قاتارلىق نۇرغۇن ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، كىننېدى ناملىق ئاتاقلىق خەلقئارا ئايرودرومى بار. نيۇ - يورك شەھىرى ئا ق ش نىڭ شەرقىي قىسمىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، بۇ جايدىن دۆلەتنىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلىرىگە بارىدىغان نۇرغۇن تارماق تۆمۈر يوللار بار. نيۇ - يورك شەھىرىنىڭ يەر ئاستى تۆمۈر يول قاتنىشىمۇ تەرەققىي قىلغان. ئۇ جايدىكى يەر ئاستى تۆمۈر يولى 1868 - يىلى سېلىنغان، 1979 - يىلغىچە بولغان ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 393.3 كىلومېتىر بولۇپ، دۇنيادا يەر ئاستى تۆمۈر يوللىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى جەھەتتە لوندوندىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ھەر كۈنى بىرنەچچە مىليون كىشى يەر ئاستى تۆمۈر يوللىرى ئارقىلىق قاتنايدۇ. نيۇ - يورك شەھىرى ئەتراپىدىكى 60 دىن ئوشۇق كىچىك شەھەرچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ نيۇ - يورك شەھىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. چوڭ نيۇ - يورك شەھىرىنىڭ ئاھالىسى 11 مىليون 570 مىڭدىن ئوشۇق (1981) بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە نىگېرلار بىر مىليون 600 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئۇ دۇنيا بويىچە نىگېرلار كۆپ مەركەزلەشكەن شەھەرلەرنىڭ بىرى. نيۇ - يورك شەھىرىنىڭ ئاساسىي قىسمى جايلاشقان مانخاتتان ئارىلىغا 1609 - يىلى گوللاندىيىنىڭ غەربىي ھىندى شىركىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ھىنرىي خورسون دېگەن كىشى كەلگەن. ئۇ 1613 - يىلى ئارالنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە كەپە ياساپ ئەتراپلاردىن يىغقان يۇڭ، تېرىلەرنى ساقلىغان ھەم بۇ جايغا <يېڭى ئامىسىتېردام> دەپ نام بەرگەن. 1662 - يىلى گوللاندىيىنىڭ غەربىي ھىندى شىركىتى تەخمىنەن 24 ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىگە ئىگە بىر تۈركۈم پىچاق، مارجان، ئويۇنچۇقلار ھېسابىغا شۇ جايدىكى ئىندىئانلار قولىدىن مانخاتتان ئارىلىنى سېتىۋالغان. دۇنيادا ئەنگلىيە، گوللاندىيە ئۈستىدىن ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغاندىن كېيىن، بۇ رايونمۇ ئەنگلىيىنىڭ قولىغا ئۆتكەن.