UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرباكۇ

باكۇ

دۇنيادىكى شەھەرلەر سوۋېت ئىتتىپاقى ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى، كاۋكاز رايونىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر، كاسپى دېڭىزىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئەڭ چوڭ پورت، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ دەسلەپ تەرەققىي قىلغان مۇھىم نېفىت سانائەت مەركىزى. باكۇ شەھىرى ئاپىشىرون يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. ئاھالىسى بىر مىليون 396 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، چوڭ باكۇ شەھىرىنىڭ مەيدانى 2200 كۋادرات كىلومېتر بولۇپ، ئەتراپىدىكى 50 كە يېقىن شەھەر — جىڭنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئومۇمىي ئاھالىسى 2 مىليون 797 مىڭ (1985)، باكۇ 19 - ئەسىردە شۇ جايدىكى نېفىتنىڭ ئېلىنىشى ئاساسىدا تەرەققىي قىلغان زامانىۋى نېفىت سانائەت شەھىرى، ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنى نېفىت يېقىلغۇسى بىلەن تەمىنلەش جەھەتتە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇنى ئاساس قىلغان كاۋكاز رايونىنىڭ نېفىت مەھسۇلاتى 1940 - يىللار ئەتراپىدا پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى نېفىت مەھسۇلاتىنىڭ %81 نى ئىگىلىد. شۇڭا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە زور كۈچ بىلەن بۇ شەھەرن قوغدىدى. ئۇنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنى نېفىت يېقىلغۇسى بىلەن تەمىنلەشتىكى ئەھمىيىتىمۇ ناھايىتى زور بولدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ۋولگا، ئورال ۋە غەربىي سىبىرىيىدىكىچوڭ نېفىتلىكلەر تېپىلىپ ئېچىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان ئۇنىڭ ئورنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ يەنىلا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم نېفىت سانائەت رايونلىرىنىڭ بىرى بولۇپ تۇرماقتا. ئۇنىڭ سانائىتى نېفىت ئېلىش ۋە نېفىت ئېلىش ئۈسكۈنلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلىدۇ، بۇلاردىن باشقا ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، خىمىيە سانائىتى، ماشىنىسازلىق سانائىتى، يېمەك - ئىچمەك سانائىتى قاتارلىق سانائەتلىرىمۇ بار. شەھەردە يەنە نۇرغۇنلىغان ئالىي مەكتەپلەر، ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئاتاقلىق تارىخىي ئورۇنلار بار. باكۇنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. ئۇ كاۋكاز تۆمۈر يولىنىڭ مۇھىم باش بېكىتى، شەھەردىن ئەتراپقا قاراپ سوزۇلىدىغان نۇرغۇن تۆمۈريول، تاشيول لىنىيىلىرى بار. باكۇدىن دېڭىز ئارقىلىق ئاستراخان، گوريېف، ماخاچكارا شەھەرلىرى بىلەن ئىراننىڭ شىمالىدىكى پەھلىۋى قاتارلىق پورتلارغا بارغىلى بولىدۇ. شەھەردە يەر ئاستى تۆمۈريوللىرى بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر