UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەريېڭى برىتان ئارىلى

يېڭى برىتان ئارىلى

دۇنيادىكى شەھەرلەر غەربىي جەنۇب تىنچ ئوكياندىكى بىسمارك تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارىلى. بۇ ئارال شەرقىي شىمالدىن غەربىي جەنۇبقا قاراپ تەخمىنەن 480 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا سوزۇلىدۇ. كەڭلىكى تەخمىنەن 80 كىلومېتىر كېلىدۇ، مەيدانى 37 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ئاھالىسى 215 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇ ئارالنىڭ يەر شەكلى ئېگىز - پەس، كۆپ تاغلىق، ھەرىكەتتىكى يانار تاغلارمۇ نۇرغۇن، ئەڭ ئېگىز ئۇلاۋان چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2300 مېتىرغا يېتىدۇ. دېڭىز قىرغاق لىنىيىلىرى ئەگرى - بۈگرى بولۇپ، پايشى پورتلار كۆپ. ھاۋاسى نەم ئىسسىق كېلىدۇ. بۇ ئاراللارنى 1884 - يىلى گېرمانىيە ئىگىلىگەن. 1944 - يىلى ئاۋسترالىيىنىڭ ۋەكالىتەن باشقۇرۇشىدىكى يېڭى گۋېنىيىنىڭ بىر قىسمى بولغان. ھازىر پاپوئا يېڭى گۋېنىيىسىگە تەۋە. بۇ جايدىن پالما، كاكائۇ، كوفى، ياغاچ ماتېرىياللىرى چىقىدۇ. پالما قۇرۇقىنى ئېكسپورت قىلىدۇ. مۇھىم شەھرى — رابائۇل.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر