ئا ق ش غا قاراشلىق ۋىرگىن تاقىم ئاراللىرى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى ئىچىدىكى كىچىك ئانتىل ئاراللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان. پوئېرتورىكو ئارىلىنىڭ 64 كىلومېتر شەرقىغە توغرا كېلىدۇ. بۇ ئاراللار گۇرۇپپىسى سانېتاكرۇس، سېنت توماس، سېنت جونسون قاتارلىق 30 نەچچە كىچىك ئارال بىلەن مارجان ئاراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەيدانى 344 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. ئاھالىسىنىڭ 80% تىن كۆپرەكى نېگىرلار ۋە نېگىرلار بىلەن ئاق تەنلىكلەردىن بولغان ئارىلاش قان سىستېمىسىدىكىلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئېنگلىز تىلىنى ئورتاق قوللىنىدۇ. خرېستىئان ھەم كاتولك دىنلىرىغا ئىتىقاد قىلىدۇ. شارلوتىتې ئامالىيە مەركىزىي شەھەر ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئاراللارنىڭ يەر ۋەزىيىتى تەكشى، ئىقلىمى تروپىك ئوتلاق ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. بۇ ئاراللار 16 - ئەسىردىن باشلاپ ئىسپانىيە، گوللاندىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە دانىيىلەرنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان. 1917 - يىلى ئا ق ش 25 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا دانىيىدىن سېتىۋالغان. ساياھەتچىلىك بۇ ئاراللارنىڭ ئىقتىسادىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بۇ جايغا يىلىغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەر بىر مىليوندىن ئاشىدۇ. ساياھەت كىرىمى 240 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە شېكەر قومۇشى، سەي، مېۋە - چېۋە، تامكا ئۆستۈرۈلىدۇ، كالا بېقىلىدۇ، ئەتراپىدىكى دېڭىزلاردىن بېلىق تۇتۇلىدۇ. ھاراق ئىشلەش، شېكەر ئىشلەش، نېفىت ئايرىش، ئاليۇمىن تاۋلاش ۋە توقۇمىچىلىق قاتارلىق سانائەتلىرى بار.