يېڭى كالېدونىيە تاقىم ئاراللىرى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي جەنۇبىغا، ئاۋسترالىيە ماتېرىكىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان يېڭى كالېدونىيە ئارىلى، لويادى تاقىم ئاراللىرى، بىلەيپو تاقىم ئاراللىرى، پەيىئىن ئارىلى قاتارلىق چوڭ - كىچىك 80 دىن ئوشۇق ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قۇرۇقلۇق مەيدانى 19 مىڭ 103 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى كالېدونىيە ئارىلىنىڭ مەيدانى 16 مىڭ 750 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاراللارنىڭ ئاساسىنى قۇرۇقلۇق ئاراللىرى تەشكىل قىلىدۇ، كۆپ قىسمىنىڭ يەر ۋەزىيىتى ئېگىز بولۇپ، ئەتراپىنى مارجان ئاراللاr قاپلاپ تۇرىدۇ. يېڭى كالېدونىيە ئاراللىرىنىڭ ئىقلىمى سۇبتروپىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. ئاراللارنىڭ شەرقىي تەرەپلىرىنىڭ يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 2000 مىللىمېتىردىن ئاشىدۇ، غەربىي تەرەپلىرىنىڭ 1000 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. بۇ ئاراللاردا مولىبدېن، خروم، مىس، كوبالت، تۆمۈر قاتارلىق كان بايلىقلىرى مول. يېڭى كالېدونىيىنىڭ ئاھالىسى 145 مىڭدىن ئوشۇق (1983) بولۇپ، ئاساسىي قىسمىنى مېلانېزىيىلىكلەر (64 مىڭ كىشى) تەشكىل قىلىدۇ. بۇ ئاراللاردا ئولتۇراقلاشقان ياۋروپالىقلار (فرانسۇزلار) 55 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تايتى خەلقلىرى، ھىندۇنېزىيىلىكلەر، ۋيېتناملىقلار، خەنزۇلار بار. يەرلىك خەلق ئۆز مىللەت تىلى بىلەن فرانسۇز تىلىنى ئورتاق قوللىنىدۇ. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى فرانسۇز تىلىنى قوللىنىدۇ. مەركىزى نومىئا شەھىرى. يېڭى كالېدونىيە ئىقتىسادتا كانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ئاساسلىق مولبىدېن، تۆمۈر، خروم قېزىپ ئېلىنىدۇ. بولۇپمۇ مولبىدېن زاپىسى دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. باشقا سانائەت تارماقلىرىدىن يېمەك - ئىچمەك، ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، سۇلياۋ، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى قاتارلىقلار بار. يېزا ئىەخلىكىدە كوكۇس پالمىسى، كوفې، كېۋەز، كۆممىقوناق قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. چارۋىچىلىق بىلەن يغاچ ماتېرىياللىرىمۇ خېلى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئورمان مەيدانى 250 مىڭ گېكتار كېلىدۇ. يېڭى كالېدونىيىنىڭ دېڭىز، ھاۋا قاتنىشى خېلى تەرەققىي قىلغان. ھەرقايسى دۆلەتلەرگە قاتنايدىغان دېڭىز، ھاۋا لىنىيىلىرى بار.