UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرمونترېئال

مونترېئال

دۇنيادىكى شەھەرلەر كانادانىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى، سودا - سانائەت مەركىزى. بۇ شەھەر لاۋرېنتسىيە دەرياسى ۋە ئۇنىڭ تارمىقى ئوتتاۋا، لىسەيلۇ قاتارلىق ئۈچ دەريانىڭ قوشۇلغان جايىدىكى مونترېئال ئارىلىغا جايلاشقان. يەر مەيدانى 1200 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. چوڭ مونترېئالنىڭ ئاھالىسى 2 مىليون 820 مىڭدىن ئاشىدۇ (1980)، ئاھالىسىنىڭ %60 نى فرانسۇز، %12 نى ئىنگلىزلارنىڭ ئەۋلادلىرى، %7 نى ئىتالىيە قان سىستېمىسىدىكىلەر، %4 نى يەھۇدىلار، قالغىنىنى نېمىسلار، گرېكلار ۋە باشقا مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ % 40ى فرانسۇز تىلىدا سۆزلەيدۇ، ئۇلار مونترېئال ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمىغا ئولتەۇراقلاشقان. ئىنگلىز تىلىدا سۆزلىشىدىغانلار ئاھالىنىڭ % 18نى تەشكىل قىلىدۇ، ئۇلار ئارالنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا مەكتەپلىرى بار. ئاھالىنىڭ كۆپى رىم كاتولىك دىنىغا، قالغىنى يەھۇدى دىنى قاتارلىق دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدۇ. بۇ جايدا ئەسلى ئىندىئانلىقلار ئولتۇراقلاشقان، 1642 - يىلى فرانسىيىلىكلەر كۆچۈپ كىرىشكە باشلىغان. 1760 - يىلى ئەنگلىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، شەھەرنىڭ قۇرۇلۇش، سودا - سانائەت ئىشلىرى تەرەققىي قىلىپ زامانىۋى شەھەرگە ئايلانغان. شەھەردە ئەنئەنىۋى سانائەت تارماقلىرىدىن ياغاچچىلىق، تېرە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ھاراق ئىشلەش، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، بۇلاردىن باشقا يېڭى سانائەت تارماقلىرىدىن پاراۋوز، پولات - تۆمۈر، كېمىسازلىق، نېفىت ئايرىش، ئايروپىلان ياساش، ئېلېكتر ئەسۋابلىرى، ماشىنىسازلىق قاتارلىق سانائەتلىرىمۇ تەرەققىي قىلغان. مونترېئال شەھىرىنىڭ قۇرۇقلۇق، ھاۋا، سۇ قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. شەھەرنىڭ يەر ئاستى تۆمۈر يولى 1966 - يىلى سېلىنغان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 38.2 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. مونترېئال كانادانىڭ ئەڭ مۇھىم بۇغداي ئېكسپورت قىلىدىغان پورتى، بۇ پورت ئارقىلىق نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىنىدۇ. بۇ شەھەردە 1962 - يىلى قۇرۇلغان 45 قەۋەتلىك + (پىلوس) شەكىللىك چوڭ بىنالار، نۇرغۇن يەر ئاستى ماگىزىنلىرى، مېھمانخانىلار، تىياتىرخانىلار، بانكىلار بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر