نەمەنگان
دۇنيادىكى شەھەرلەر
سوۋت ئىتتىپاقى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى شەھەر، نەمەنگان ئوبلاستىنىڭ مەركىزى. پەرغانە ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان. ئاھالىسى 227 مىڭدىن ئاشىدۇ (1979). بۇ شەھەر 1610 - يىلى قۇرۇلغان، تۆمۈر يول ئارقىلىق قوقەند، ئەنجان شەھەرلىرى، قىرغىزىستاننىڭ تاشكۆمۈر رايونى بىلەن تۇتىشىپ تۇڭرىدۇ. شىمالىي پەرغانە قانىلى شەھەرنىڭ شىمالىي تەرىپىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. سانائەتتە چىگىت ئايرىش، توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك (كونسېرۋا، سۈت مەھسۇلاتلىرىنى تەييارلاش، ھاراق ئىشلەش) قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ترانسىفورماتور، ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى تەييارلاش قاتارلىق سانائەتلەر بىلەن يەرلىك تەزكىرە مۇزېيى قاتارلىق ئورۇنلار بار.