UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرۋورونېژ

ۋورونېژ

دۇنيادىكى شەھەرلەر سوېت ئىتتىپاقى مەركىزى قارا تۇپراق رايونىدىكى ئەڭ چوڭ سانائەت ھەم مەدەنىيەت مەركىزى. بۇ شەھەر ۋورونېز دەرياسى بىلەن رون دەريالىرىنىڭ قوشۇلغان يېرىنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان. ئاھالىسى 850 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985). ۋىژرونېز شەھىرى ماشىنىسازلىق سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا خىمىيە، يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرىمۇ بار. شەھەرنىڭ قاتناش - ترانسپورتى تەرەققىي قىلغان، شەھەردىن ئەتراپقا سوزۇلغان بىرقانچە تارماق تۆمۈريول، تاشيوللار بار، ۋورونېژ مۇھىم دەريا پورتى بولۇپ، دون دەرياسى ئارقىلىق باشقا ئورۇنلار بارالايدۇ. شەھەر ئەتراپىدا چوڭ تىپتىكى ئاتوم ئېلېكتر ئىستانسىسى، بىرقانچىلىغان ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، 17 -، 18 - ئەسىرلەردە سېلىنغان تارىخىي ئورۇنلار بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر