نىئاپول
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئەڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى، گېنويا پورتىدىن قالسا ئىتالىيە بويىچە ئىككىنچى چوڭ پورت. كامپانىيە ئۆلكىسىنىڭ مەركىزىي شەھىرى. بۇ شەھەر تىررېن دېڭىزىغا تەۋە نىئاپول قولتۇقىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى بىر مىليون 260 مىڭدىن ئاشىدۇ (1981). نىئاپول مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 600 - يىلى سېلىنغان. بۇ جاي ئۆز ۋاقتىدا رىم ئىمپېراتورىنىڭ دەم ئالىدىغان جايى بولغان. 6 - ئەسىردە ۋىزانىتىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان، 8 - ئەسىردە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بىر كىنەزلىكنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولغان، 12 - ئەسىردە سىتسىلىيە پادىشاھلىقىنىڭ بىر قىسمى بولغان. 1282 - يىلى ئىتالىيىنىڭ جەنۇبى بىلەن سىتسىلىيە ئايرىلغاندا نىئاپول پادىشاھلىقى بولۇپ قۇرۇلغان. 1861 - يىلى ئىتالىيە پادىشاھلىقى دائىرىسىگە قوشۇۋېتىلگەن. ھازىر ئىتالىيىنىڭ رىم ۋە مىلان شەھىرىدىن قالسا ئۈچىنچى چوڭ شەھىرى ھېسابلىنىدۇ. نىئاپول سانائەت ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئىتالىيىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. شەھەرنىڭ ماشىنىسازلىق، ئايروپىلان، كېمىسازلىق، ھەربىي قورال - ياراغ ئىشلەپچىقىرىش، مېتاللۇرگىيە، خىمىيە، نېفىت ئايرىش، توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەتلىرى تەرەققىي قىلغان، شەھەرنىڭ يېنىدا يېڭىدىن قۇرۇلغان چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى يىلىغا 300 مىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرالايدۇ. نىئاپول پورتىنىڭ سۈيى چوڭقۇر بولۇپ، ھەرخىل تىپتىكى ئوكيان پاراخوتلىرى توختىيالايدۇ. پورت ئۆز ئىچىدىن سودا پورتى، پاساژىر پورتى، ھەربىي پورت دەپ ئۈچكە بۆلۈنىدۇ. نىئاپول ئىتالىيىنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت مەكرىزى، ئاتاقلىق ساياھەت رايونى، بۇ جايدا دۇنياغا داڭلىق دۆلەتلىك مۇزېيخانا، ئوتتۇرا ئەسىردە سېلىنغان نۇرغۇنلىغان چېركاۋلار، كونا ئاسار - ئەتىقىلەر ناھايىتى كۆپ. بۇ جاينىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، ھاۋاسى يېقىملىق بولغانلىقتىن، ساياھەت ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان.