مائىن ئارىلى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
غەربىي ياۋروپادىكى ئەنگلىيە بىلەن ئېرلاندىيە ئارىلىقىدىكى ئېرلاندىيە دېڭىزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان ئارال. بۇ ئاراللار 1828 - يىلدىن باشلاپ ئەنگلىيە تەۋەلىكىگە ئۆتكەن. ھازىر ئەنگلىيىگە قاراشلىق بىر ئاپتونومىيە بولۇپ، ئومۇمىي يەر مەيدانى 572 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ ئارالنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان تاغلىقنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 620 مېتىر، ئارالنىڭ شىمالىدىن جەنۇبقا بولغان ئۇزۇنلۇقى 48 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە بولغان كەڭلىكى 16 كىلومېتىر كېلىدۇ. مائىن ئارىلىنىڭ ئاھالىسى 60 مىڭدىن ئاشىدۇ. مائىن ئارىلى ئاپتونومىيىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا بايرىقى، قانۇنى، پوچتا ماركىسى، پۇلى بار. ئۇنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى بىلەن دىپلوماتىيىسىنى ئەنگلىيە باشقۇرىدۇ. مائىن ئارىلىدىكى ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتى ھەر يىلى 7 - ئايدا ئۈستى ئوچۇق مەيداندا سايلام ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ. گراژدانلار يىغىنغا قاتنىشىپ ھۆكۈمەت ئىشلىرىدىن ىەۋەردار بولىدۇ، ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىدۇ. مائىن ئاراللىرى كىچىك بولسىمۇ قوغۇشۇن، سىنك، مىس قاتارلىق كان بايلىقلىرى بار. ئارالنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، ھاۋاسى ياخشى، شۇڭا ئۇنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. بۇ ئارالدا 700 دىن ئوشۇق مېھمانخانا، دەم ئېلىش ئورۇنلىرى بار. ئارالدا ھەممە كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، پۇلسىز داۋالاش يولغا قويۇلغان. قاتناش ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئىككى كىشىگە بىردىن كىچىك ماشىنا توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسىي ئىقتىسادىي كىرىمى ساياھەتچىلىكتىن بولىدۇ. بىر قىسىم خەلق ئاشلىق زىرائەتلىرى، ياڭيۇ قاتارلىق زىرائەتلەرنى ئۆستۈرىدۇ. چارۋىچىلىقىدا قوي بىلەن سۈتلۈك كالا ئاساس قىلىنىدۇ.