ناسساۋ
دۇنيادىكى شەھەرلەر
غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئەڭ شىمالىدىكى باھاما فېدېراتسىيىسىنىڭ پايتەختى، مۇھىم پورتى. بۇ شەھەر يېڭى پروۋىدېنس ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمال ياقىسىغا جايلاشقان. ئاھالىسى 132 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983). 1660 - يىلى قۇرۇلۇپ <چارلېس تاۋون> دەپ ئاتالغان. 1690 - يىلى ھازىرقى نامىغا ئۆزگەرتىلگەن. 1729 - يىلى شەھەر بولۇپ قۇرۇلغان. ھازىر باھامانىڭ مۇھىم خەلقئارا پورتى ھېسابلىنىدۇ. پورتنىڭ سىرتقى تەرىپىنى پارادىسى ئارىلى توسۇپ تۇرىدۇ، ئوكيان پاراخوتلىرى پورتقا كېلىپ توختىيالايدۇ. بۇ جايدىن تالالىق ئاگاۋى، تاشپاختا، ئاپېلسىن، پەمىدۇر، ئاناناس قاتارلىقلار ئېكسپورت قىلىنىدۇ. كونسېرۋا، ھاراق، كېمىسازلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. شەھەرنىڭ ھاۋاسى يىللىق، دېڭىز ساھىلىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپ، ئاتاقلىق قىشلىق ساياھەت رايونى ھېسابلىنىدۇ. پورتنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا دېڭىز ئۈستى باغچىسى بار، ساياھەتچىلەر ئەينەكلىك قېيىقلارغا ئولتۇرۇپ، دېڭىز ئاستىدىكى مارجانلار بىلەن بېلىقلارنى كۆزىتىپ تاماشا قىلىدۇ. ناسساۋ مۇھىم خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، خەلقئارا بانكىلارنىڭ تارماقلىرى خېلى كۆپ ساننى ئىگىلەپ تۇرىدۇ. شەھەردە خەلقئارا ئايرودرومى بار بولۇپ، چەت ئەللەر بىلەن بېرىش - كېلىش قىلىپ تۇرىدۇ.