بېرگېن شەھىرى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
نورۋېگىيىنىڭ غەربىي جەنۇبى دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان چوڭ پورتى، مۇھىم دېڭىز قاتناش ھەم سودا مەركىزى. شەھەرنىڭ ئالدىدىكى ئۇششاق ئاراللار ئارىلىقىدا ۋاگېن ھەم پۇددې بوغۇزلىرى جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى 213 مىڭدىن ئاشىدۇ، ئۇ چوڭلۇق جەھەتتە ئوسلودىن قالسا دۆلەت بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، شەھەر شىمالىي كەڭلىك ° 60 تىن يۇقىرى ئورۇنغا جايلاشقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ جايغا ئاتلانتىك ئوكياندىن ئۆتۈپ تۇرىدىغان يىللىق ئېقىم تەسىر قىلىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ سۈيى توڭلىمايدۇ. شەھەرنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ئۆزى بىلەن تەڭ كەڭلىكتىكى ياۋروپانىڭ باشقا ئورۇنلىرىدىن يىللىقراق بولىدۇ. بېرگېن شەھىرى 1070 - يىلى قۇرۇلغان. 14 -، 16 - ئەسىرلەردە شىمالىي ياۋروپادىكى گانزىيە ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم سودا مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان. ھازىر ئۇ نورۋېگىيىنىڭ مۇھىم سانائەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان. ھازىر ئۇ نورۋېگىيىنىڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى بولۇپ تۇرماقتا. شەھەرنىڭ زور سودا پاراخوت ئەترىتى بىلەن بېلىقچىلىق ئەترىتى بار. بۇ ئورۇن ئارقىلىق نورۋېگىيىدىن سىرتقا چىقىرىدىغان ماللارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. دۆلەت بويىچە تۇتۇلغان بېلىق ۋە بېلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى مۇشۇ شەھەر ئارقىلىق سىرتقا توشۇلىدۇ. شەھەرنىڭ كېمىسازلىق، بېلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى مۇشۇ شەھەر ئارقىلىق سىرتقا توشۇلىدۇ. شەھەرنىڭ كېمىسازلىق، بېلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، توقۇمىچىلىق، خىمىيە سانائەت، مېتاللۇرگىيە ۋە ماشىنىسازلىق سانائەتلىرى تەرەققىي قىلغان، شەھەرنىڭ قۇرۇقلۇق سۇ قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. تۆمۈريول ئارقىلىق پايتەختى ئوسلو بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ.