نابلۇس
دۇنيادىكى شەھەرلەر
پەلەستىننىڭ ئوتتۇرا شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان مۇھىم شەھەر، ئۇنىڭ ئاھالىسى 100 مىڭدىن ئوشۇق بولۇپ، كۆپ قىسمىنى ئەرەبلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا يەھۇدىلار ياشايدۇ. ھازىر بۇ جاي پۈتۈن پەلەستىن رايونىغا ئوخشاشلا ئىسرائىلىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا تۇرماقتا. نابلۇس شەھىرى بىرقانچىلىغان ئۇششاق جىلغىلارنىڭ قوشۇلغان يېرىدىكى مۇنبەت تۇپراقلىق ئورۇنغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، يېزا ئىگىلىكى، سودا - سانائىتى خېلى تەرەققىي قىلغا. ئۇ مۇھىم پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش سانائەت مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. بۇ جايدا سەرەڭگە، سوپۇن زاۋۇتى قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. نابلۇس تاشيول، تۆمۈريول ئارقىلىق ئېروسالىم، تىل ئاۋىۋ، خەيفا شەھەرلىرى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ.