يوكوخاما
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ياپونىيىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا پورتى، دۇنيا بويىچە ئاتاقلىق پورتلارنى بىرى. توكيو، ئوساكالاردىن قالسا ئۈچىنچى چوڭ شەھىرى، توكيو - يوكوخاما سانائەت رايونىنىڭ مۇھىم يادروسى. بۇ شەھەر توكيو قولتۇقىنىڭ غەربىگە جايلاشقان بولۇپ، توكيونىڭ سىرتقى پورتى بىلەن بولغان ئارىلىقى 30 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى 2 مىليون 774 مىڭدىن ئاشىدۇ. يوكوخاما 1859 - يىلى پورت بولۇپ قۇرۇلغان. 1889 - يىلى شەھەر بولۇپ قۇرۇلغان. 1923 - يىلى گۇەندۇڭ چوڭ يەر تەۋرىشىدە زور بۇزغۇنچىلىققا ئچۇرىغان. ھازىر يىلىغا 100 مىليون توننىدىن ئوشۇق يۈكنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان زامانىۋى چوڭ پورتقا ئايلاندى. شەھەرنىڭ ماشىنىسازلىق، ئاپتوموبلى، كېمىسازلىق، نېفىت ئايرىش، ئېلېكتر ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، پولات - تۆمۈر، خىمىيە قاتارلىق سانائەتلىرى ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇرىدۇ. بۇ پورت ئارقىلىق ئاپتوموبىل، پاراخوت قاتارلىق سانائەت مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت قىلىنىدۇ. نېفىت، كۆمۈر قاتارلىق سانائەت خام ئەشيالىرى ئىمپورت قىلىنىدۇ. شەھەرنىڭ سانائىتىدىن باشقا سودا - سېتىق، پەن - تېخنىكا، قاتناش ترانسىپورت، ساياھەتچىلىك ئىشلىرى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. شەھەردىكى يەر ئاستى تۆمۈر يولى 1972 - يىلى سېلىنغان.