ئومسكى شەھىرى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
سوېت ئىتتىپاقى سىبىرىيىسىنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى، ئومسكى ئوبلاستىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر ئوم دەرياسىنىڭ ئېرتىش دەرياسىغا قويۇلغان يېرىگە جايلاشقان. ئاھالىسى بىر مىليون 108 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985). ئومسكى جايلاشقان ئورۇندا 1716 - يىلى بىر بېكەت قۇرۇلغان. 1895 - يىلى سىبرىيە چوڭ تۆمۈريولى بۇ جايدىن ئۆتكەندىن كېيىن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ يىغىلىپ تارقىتىلىدىغان ئورنىغا ئايلانغان. ھازىر سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ غەربىي سىبرىيىدىكى مۇھىم تۆمۈريول، دەريا يولى قاتناش تۈگۈنى. تيۇمېن نېفىتلىكىدىن تارتىلغان نېفىت تۇرۇبىلىرى بۇ جايغا تۇتاشتۇرۇلغان. شەھەردە نېفىت ئايرىش، نېفىت - خىمىيە، ماشىنىسازلىقنى ئاساس قىلغان سانائەت ئورۇنلىرى بار. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائەت ئورۇنلىرىمۇ تەرەققىي قىلغان. شەھەردە بىرقانچىلىغان ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، سىبرىيە يېزا ئىگىلىك تەتقىقات ئورنى بار.