UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرداۋوس شەھىرى

داۋوس شەھىرى

دۇنيادىكى شەھەرلەر شۋېتسارىيىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان بىر كىچىك شەھەر. ئۇلاندۋاسسېر دەرياسى بويىغا جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 1560 مېتر ئېگىز تۇرىدۇ. ئاھالىسى 10 مىڭدىن ئاشىدۇ (1987)، ئاساسەن نېمىسچە سۆزلىشىدۇ، يېڭى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. داۋوس شەھىرىنىڭ بىناللىرى 17 كىلومېتر ئۇزۇنلۇقتىكى بىر جىلغىدا بولۇپ، تاغ بىلەن ئورالغان، ھاۋاسى ساپ، مەنزىرىسى گۈزەل. شۇڭا بۇ يەر مەشھۇر دەم ئېلىش ۋە ساياھەت قىلىش ئورنىغا ئايلاندى.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر