UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەربوگور

بوگور

دۇنيادىكى شەھەرلەر ھىندۇنېزىيىنىڭ ياۋا ئارىلىغا جايلاشقان مۇھىم سانائەت شەھىرى. بۇ جايدا خەلقئاراغا مەشھۇر بولغان ئۆسۈملۈك باغچىسى ۋە دۆلەت بويىچە ئەڭ چوڭ يېزا ئىگىلىك تەجرىبە باش پونكىتى بار. بوگور بىلەن جاكارتا شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 56 كىلومېتر كېلىدۇ، ئۇ ۋولقان ئاتقىندىلىرى بىلەن قاپلانغان ئېگىزلىكىنىڭ ئېتىكىگە جايلاشقانلىقى ئۈچۈن تۇپرىقى مۇنبەت، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 4618 مىللىمېترغا يېتىدۇ. بۇلۇتلۇق، يامغۇرلۇق كۈنلەر 330 كۈنگە يېتىدۇ. بۇ جايدا كۆپىنچە گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر ياغىدۇ. شەھەرنىڭ ھاۋاسى سالقىن، شەھەر ئەتراپىدا پەلەمپەي ھالەتتە ئورۇنلاشتۇرۇلغان چايزارلىقلار، كوفې، كاۋچۇك، خېنىن، شال، شېكەر قومۇشى، مېۋىلىك باغ ۋە سەيلىكلەر با. شەھەر ئاھالىسىى 183 مىڭدىن ئاشىدۇ. بوگور شەھىرىدە چارۋىچىلىق ۋە يېزا ئىگىلىك شۆيۈەنى، ھايۋانات مۇزېيخانىسى، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، كاۋچۇك تەتقىقات ئورنى، 1817 - يىلى 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى قۇرۇلغان تروپىك ئۆسۈملۈك باغچىسى بار. بۇ باغچىنىڭ مەيدانى 1650 مو، باغچىدا ئۆستۈرۈلۈۋاتقان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرى 10 مىڭدىن ئاشىدۇ، ئۆسۈملۈك كوللېگىيىسى 500 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇ جاينىڭ سانائىتىدە دۆلەت بويىچە ئەڭ چوڭ بالون زاۋۇتى ھەمدە سېمونت، ئاياغ كىيىم، قەغەز، ئۇيۇنچۇق ياساش ئورۇنلىرى، شەھەر رايونىدا ئاتاقلىق مېنېرال بۇلاقلار بار. بوگور شەھىرى پايتەخت جاكارتا بىلەن ئېلېكترلەشتۈرۈلگەن تۆمۈريول ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللار ئارقىلىق باغلىنىپ تۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر