UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرتەبرىز

تەبرىز

دۇنيادىكى شەھەرلەر ئىراننىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان غەرقىي ئەزەربەيجان ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى، بۇ جاي 3 - ئەسىردە شەھەر بولۇپ قۇرۇلغان. 14 - ئەسىردە پېرسىيىنىڭ پايتەختى بولغان، شەھەر ئاھالىسى. 600 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئۇ ئىراننىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇھىم ستراتېگىيە ۋە قاتناش ئەھمىيىتىگە ئىگە شەھەر، شەھەرنىڭ سانائىتى خېلى تەرەققىي قىلغان. شەھەردە ئېغىر تىپتىكى ماشىنىسازلىق، نېفىت ئايرىش، يۇڭ توقۇمىچىلىق، پاختا توقۇمىچىلىق، تاماكا، ھاراق، تېرە - خۇرۇم، ئۇن، سوپۇن، سەرەڭەە ۋە باشقا يېمەك - ئىچمەك سانائەت ئورۇنلىرى بار. تەبرىزنىڭ گىلەم ئىشلەپچىقىرىشى داڭلىق. شەھەردە ئاتاقلىق مەسچىتلەر، مەشھۇر تارىخىي ئورۇنلار، ئالىي بىلىم يۇرتلىرى بار. تەبرىز شەھىرى ئەرمىنىيە ئېگىزلىكىدىكى زېزاي كۆلىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى تاغنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان. شەھەر دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1367 مېتر كېلىدۇ. شەھەر جايلاشقان ئورۇن گېئولوگىيىلىك جەھەتتىن يەر پوستى داۋاملىق ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدىغان بەلباغقا كىرىدۇ. شۇڭا بۇ جايدا يەر تەۋرەش، ۋولقان پارتلاش قاتارلىق ھەرىكەتلەر كۆپ بولىدۇ. بۇ جايدا ۋولقان ۋە يەر پوستى ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان نۇرغۇن ئارشاڭلار بولغانلىقتىن شۇنداق نام قويۇلغان. شۇڭا بۇ جاي ئىراننىڭ مۇھىم داۋالىنىش ھەم دەم ئېلىش رايونى ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
تەبرىز | UyghurWiki | UyghurWiki