UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرتيومېن

تيومېن

دۇنيادىكى شەھەرلەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ روسىيە فېدېراتسىيىسىگە قاراشلىق بىر ئوبلاستى، ئۇ ئورال دەرياسىنىڭ شەرقىگە، غەربىي سىبىرىيىنىڭ ئوتتۇرا شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان. يەر مەيدانى بىر مىليون 435 مىڭ كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، ئاھالىسى بىر مىليون 887 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئاھالىنىڭ %80 نى رۇسلار، قالغىنىنى تاتار، ئوكرائىن قاتارلىق مىللەتلەر ئىگىلەيدۇ. تيومېن ئوبلاستىنىڭ كۆپ قىسمىنى سازلىقلار ئىگىلەپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ شىمالىدا تۇندرا بەلبېغى، ئۇنىڭ جەنۇبىدا ئورمان توندر، ئورمان يايلاق بەلباغلىرى جايلاشقان. ئىقلىمى ماتېرىك خاراكتېرلىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. 1 - ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃17-℃29، 7 - ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃15-℃19، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 220-570 مىللىمتېرغا يېتىدۇ. ئوبلاستىنىڭ مەركىزى تيومېن شەھىرى. بۇ شەھەر 1580 - يىلى سېلىنغان، شەھەر بىلەن ئوبلاستنىڭ نامى تاتار، موڭغۇل تىلىدىكى <تۈمەن> (10.000) دېگەن سۆزىدىن كېلىپ چىققان، بۇ نامنى رۇسلار تيۇمېن دەپ قوللانغان. تيۇمېن شەھىرى جايلاشقان بۇ ئورۇندا ئۆز ۋاقتىدا چىڭگىزخان غەربكە يۈرۈش قىلغان مەزگىلىدە 10.000 كىشىلىك ئەسكەر تۇرغۇزغان. كېيىن بۇ جايدا شەكىللەنگەن شەھەرنىڭ نامىمۇ تۈمەن نامىنى ئاساس قىلىپ قوللىنىلغان. تيومېن ئوبلاستى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ چوڭ، ئەڭ مۇھىم نېفىت رايونى، بۇ جايدا نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق كان بايلىقلىرى ناھايىتى كۆپ. ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈچىنچى باكۇسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ جايدىكى نېفىت زاپىسى سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە نېفىت زاپىسى 100 مىليون توننىدىن يۇقىرى بولغان 10 چوڭ نېفىتلىكنىڭ ئالتىسى تيومېن ئوبلاستىغا جايلاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭى ساموتلور نېفىتلىكى، ئۇنىڭدىن قالسا شايىم، ئۈستى بالىق قاتارلىق نېفىتلىكلەردىن ئىبارەت. ھازىر بۇ جايدا ئېلىنىۋاتقان نېفىت پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ئېلىنىۋاتقان نېفىتنىڭ (1979 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدا 585 مىليون توننا، 1983 - يىلى 616 مىليون توننا نېفىت ئېلىنغان) % 50كە يېقىنىنى ئىگىلەيدۇ. تيومېن رايونىدىن ئېلىنغان نېفىت، تەبىئىي گاز تۇرۇبىلىرى ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياۋروپا قىسمىغا، شەرقىي ياۋروپا ھەم غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرىگە تارتىلىدۇ. ئوبلاستنىڭ مەركىزى بولغان تيومېن شەھىرى غەربىي سىبىرىيىنىڭ مۇھىم سودا، سانائەت، قاتناش مەركىزى. شەھەرنىڭ ئاھالىسى 359 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇ جايدىن ئىككىنچى باكۇ رايونىغا (ئورال، ۋولگا دەريا بويلىرىغا) بارىدىغان نېفىت تۇرۇبىلىرى ئۆتىدۇ. تيومېن شەھىرى ئوب دەرياسىنىڭ مۇھىم تارمىقى بولغان تربول دەريا بويىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن ياز پەسلى شەھەردىن يولغا چىققان دەريا پاراخوتلىرى شىمالىي مۇز ئوكيان قىرغاقلىرىغا قەدەر بارالايدۇ. شەھەردە ماشىنىسازلىق، ياغاچچىلىق، خىمىيە، قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى تەرەققىي قىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر