لۇسون ئارىلى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
فىلىپپىننىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئەڭ چوڭ ئارال. ئاھالىسى ئەڭ كۆپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى دۆلەت بويىچە ئەڭ يۇقىرى تۇرىدۇ. يەر مەيدانى 105 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 25 مىليون 490 مىڭدىن ئارتۇق (1980) بولۇپ، پۈتۈن دۆلەت ئاھالىسىنىڭ% 50 نى تەشكىل قىلىدۇ. ئەڭ ئېگىز پولوگ چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 2928 مېتىر كېلىدۇ، تۈزلەڭلىكلىرى ئاز، ئەڭ چوڭ تۈزلەڭلىكى ئوتتۇرا قىسىمغا جايلاشقان مەركىزىي تۈزلەڭلىك بىلەن شەرقىي جەنۇبقا جايلاشقان بىكور تۈزلەڭلىكىدىن ئىبارەت. بۇلاردىن باشقا دېڭىز قىرغاق رايونلىرى بىلەن دەريا بويلىرىدا كىچىك دائىرىلىك تۈزلەڭلىكلەر بار. ئارالنىڭ ئېگىز تاغ قىسىملىرىدىن سىرت، باشقا جايلىرىنىڭ ھاۋاسى ئىسسىق، كۆپ يامغۇرلۇق كېلىدۇ. شىمالىي قىسمى تەيفېڭ بورىنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ، تۈزلەڭلىك رايونلىرىدا شال، كوكۇس پالمىسى، مانىلا كەندىرى، شېكەر قومۇشى، تاماكا قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. لاگونا ئۆلكىسى بىلەن كېسون ئۆلكىلىرى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كوكۇس پالمىسى ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلار ھېسابلىنىدۇ، ئارالنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمىدا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان مانىلا كەندىرى پۈتۈن ئارالدا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان مانىلا كەندىرىنىڭ %50 نى تەشكل قىلىدۇ. بۇ ئارالدا ئالتۇن، مىس، خروم ۋە تۆمۈرت رۇدىسى قاتارلىق كان بايلىقلىرى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. ئارالنىڭ دېڭىز قىرغاقلىرى بەك ئەگرى - بۈگرى بولۇپ، دېڭىز قىرغاق لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 5000 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. ئارالنىڭ غەربىي قىسمىدىكى مانىلا قولتۇق بويىغا دۆلەت بويىچە ئەڭ چوڭ شەھەر، بىرىنچى چوڭ پورت مانىلا شەھىرى جايلاشقان. بۇنىڭدىن باشقا باگيو، كاۋستى، كېسون، لېگاسپى قاتارلىق چوڭ شەھەرلىرى بار.