UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەربالاتون كۆلى

بالاتون كۆلى

دۇنيادىكى شەھەرلەر ئوتتۇرا ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ كۆ. ئۇ ۋېنگرىيىگە جايلاشقانلىقى ئۈچۈن ۋېنگرىيە دېڭىزى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ باكۇنى تاغلىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبى ئېتىكىگە جايلاشقان. ئوتىكتونىكالىق ھەرىكەت نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 78 كىلومېتر، كەڭلىكى 1.5-15 كىلومېتر كېلىدۇ. كۆلىمى 596 كۋادرات كىلومېترغا يېتىدۇ. ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 4 مېتر، ئەوڭ چوڭقۇر جايى 11 مېتر كېلىدۇ. كۆلگە نۇرغۇن دەريالار قۇيۇلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە چوڭراقلىرىدىن زالا دەرياسى بار. بالاتون كۆلى شىئو دەرياسى ۋە قاناللار ئارقىلىق دوناي دەرياسى بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، دوناي دەرياسىدىن يولغا چىققان كىچىك پاراخوتلار دەريا ھەم قاناللار ئارقىلىق بالاتون كۆلىگە كېلەلەيدۇ. كۆلنىڭ ئەتراپىنىڭ مەنزىرىسى بەك گۈزەل، كۆل ئەتراپىدا ۋېنگرىيە بويىچە مەشھۇر ساناتورىيىلەر، ئارشاڭ، قۇدۇقلار كۆپ بولۇپ، ۋېنگرىيىنىڭ مۇھىم ساياھەت رايونى ھېسابلىنىدۇ. كۆلدە بېلىق كۆپ بولۇپ، بېلىقنىڭ تۈرى 40 نەچچە خىلغا يېتىدۇ. كۆل ئەتراپىدا يەنە ئۈزۈمزارلىقلار، مېۋىلىك باغلار بار. بالاتون كۆلىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسىملىرىنىڭ يەر ۋەزىيىتى تىكرەك بولۇپ، قاتتىق جىنىسلاردىن تۈزۈلگەن بولسىمۇ، قالغان قىسىملىرى پەسرەك، ئارىلاپ قۇملۇق ۋە پاتقاقلىقلارمۇ بار، كۆلنىڭ شەرقىي تەرىپىنىڭ بۇ خىل پاتقاقلىق ھالىتى كىشىلەرگە خېلى بۇرۇنلا مەلۇم بولغان. كىشىلەر پاتقاقلىق جايلار ئارقىلىق كۆلگە كېلىپ - كېتىپ يۈرگەن. شۇڭا كۆلنىڭ بۇ خىل تەبىئىي ئەھۋالىغا ئاساسەن <بالاتون - پاتقاقلىق> دەپ نام بېرىلگەن.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
بالاتون كۆلى | UyghurWiki | UyghurWiki