UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرماگادان شەھىرى

ماگادان شەھىرى

دۇنيادىكى شەھەرلەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىراق شەرقتىكى تىنچ ئوكيان قىرغىقىغا جايلاشقان شەھەر، ماەادان ئوبلاستىنىڭ مەركىزى. ئاھالىسى 122 مىڭدىن ئاشىدۇ (1979). بۇ شەھەر 20 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرى كولىما دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى ئالتۇن كانلىرىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان. ھازىر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىراق شەرقتىكى تاشيول، دېڭىز يولى ھەم ھاۋا يوللىرىنىڭ مۇھىم تۈگۈنلىرىنىڭ بىرى. شەھەردە كان ماشىنىلىرىنى ئىشلەش، كېمە رېمونت قىلىش، ئاپتوموبىل ھەم تراكتور رېمونت قىلىش، بېلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ىئشلەش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. بۇ ئورۇن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىراق شەرقتىكى مۇھىم پەن تەتقىقات مەركىزى بولۇپ، شەرقىي شىمال ئۇنىۋېرسال تەتقىقات ئورنى، سوۋېت بويىچە ئالتۇم ھەم ئاز ئۇچرايدىغان مېتاللارنى تەتقىقات قىلىش قاتارلىق ئورۇنلىرى بار. شەھەرنىڭ دېڭىز ياقىسىدا سىرتقى پورتى ناگايېۋ پورتى بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
ماگادان شەھىرى | UyghurWiki | UyghurWiki